ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىيۈرەك رىتىمىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

يۈرەك رىتىمىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۈرەك رىتىمىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان گۇمانى سوئاللار ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بارغۇ دەيمەن. بەزىلەر: «ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60 قېتىم بولسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ» دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: «مىنۇتىغا يۈرەك سوقۇشى 90 قېتىم بولسا يۈرەك تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمسە بىز تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن يۈرەك رىتىمى ۋە ئۆمۈر توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارايلى!

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 75تىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۆمرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كىشىلەر تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا، يۈرەك رىتىمى ئادەتتە 60-100 ئارىلىقىدا بولىدىكەن. تىنچ ھالەتتە تۇرغان ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى قانچە تېز بولسا يۈرەك قان تومۇرى زەخىملىنىش خەتىرى شۇنچە كۆپ بولىدىغان بولۇپ، ھەر مىنۇتتىكى يۈرەك سوقۇشى بەش قېتىم ئاشسا، يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپى %13 ئاشىدىكەن.

بۇنىڭدىن يۈرەكنىڭ زىيادە تېز سوقۇشىنىڭ ئۆمۈرگە بولغان تەسىرىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن يۈرەك رىتىمى قانچە ئاستا بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. يۈرەك رىتىمى زىيادە ئاستا بولۇش بەلكىم بەدەندە ساقلانغان بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇزۇن ۋاقىت يۈرەك رىتىمى بەك ئاستا بولسا، يۈرەك قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ھەم مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرىلىدۇ.
يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60 قېتىم بىلەن 90 قېتىمنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئەمەلىيەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق يۈرەك رىتىمى دائىرىسىدە بولىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر سىزنىڭ ھەر مىنۇتتىكى يۈرەك سوقۇشىڭىز 60 قېتىم بولسا، ئۇنداقتا يۈرەك ـ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرى ھەر مىنۇتتىكى يۈرەك سوقۇشى 90 قېتىم بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ.

يۈرەك رىتىمىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى كۈندىلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر ئاز دېگەندە ھەر كۈنى 7-8 سائەت ئۇخلىغاندىلا، ئاندىن بەدەندىكى مېلاتونىننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، شۇنىڭ بىلەن بەدەن تولۇق ئارام ئېلىپ، يۈرەك رىتىمىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇخلاش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ، لېكىن ئاز دېگەندە ئالتە سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاش شۇ ئارقىلىق زېھنىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقتەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ يۈرەك ـ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەك رىتىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17886639.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-14 / 07:13:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ