بىرسى سىزدىن ئادەتتە قانداق ۋاقىتتا ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا بارىسىز؟ دەپ سورىسا، سىز ھېچ ئىككىلەنمەستىن <<چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتە ياكى كەچتە بارىمەن. كېچە سائەت 12 دىن كېيىن بېرىش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى، ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىنى تاقىۋېتىدۇ،>> دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن.لېكىن بەزى دۆلەتلەردە كېچىلىك ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرى بار بۇلۇپ، كېچىدە مەخسۇس ھۆسۈن تۈزەش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

تېرە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كېچە سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 5 كىچە تېرىنىڭ ئۆسۈش ۋە تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۈلۈنىشى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئەتراپىدا تېزلىشىپ، تېرىنىڭ ئاسىرىلىشى، يېمەكلىكلەرنى سۈمۈرۈپ قۇبۇل قىلىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭلاشقا، ئامېرىكا، فرانسىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرى ھۆسۈن تۈزەش بىلەن ئۇيقۇ بىرلەشتۈرۈلگەن كېچىلىك ھۆسۈن تۈزەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ھۆسۈن تۈزەتكۈچىلەر يۇقىرى قۇيۇقلۇق ئوكسىگېنلىق تېنچ ئۆيدە يېتىپ، بىر تەرەپتىن ھۆسۈن تۈزەش ئۇستىلىرىغا ئۇۋۇلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن لىرىك مۇزىكا ئاڭلاپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى قۇيۇۋېتىپ، ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كېتىدىكەن؛ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن ئويغانغاندىن كېيىن تېرىسىنىڭ ناھايىىتى سىلىق ھەم يۇمران بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.