ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقتوينىڭ ئالدىدىكى تەييارلىقلار(توي قىلماقچى بولغانلار سەمىگە)

توينىڭ ئالدىدىكى تەييارلىقلار(توي قىلماقچى بولغانلار سەمىگە)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى توي قىلغان ئاياللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ لەزەتلىنىش ئۇچۇن توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپ بىر قىسىم جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ قويۇش ، ئەر ئايال جىنسىي ئەزالىرىنىڭ تۇزۇلىشىۋە فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىللىرىنى بېلىۋىلىشلىرى لازىم

ئەگەر بىرىدە كېسەللىك بولسا بولۇپمۇ يۇقۇملۇك كېسەل مەسىلەن: ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆپكە سىلى، ئۆتكۇر جىددىي جىگەرياللۇغى قاتارلىقلارۋە سۇيدۇك ئاجرىتىش چىقىرىش يوللىرىدىكى جىددى ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلىرى بولسا ئەلۋەتتە داۋالىنىپ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن توي قىلىشلازىم. ئەگەر يۇرەك بۆرەك كېسەللىكلىرى بولسا دوختۇرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ئىش قىلىش ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ ئەگەر مەسىلە بولسا تەكشۇرتۇپ داۋالىنىشى تويدىن كېيىنكى باش قېتىنچىلىقتىن ساقلىنىشى لازىم .توي ۋاقتىنىمۇ قىزنىڭ ھەيز كېلىش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتقا توغرىلاش لازىم.

توي كېچىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئىزار تارتىپ ئەيىلىش ھىس قىلىدۇ .. قىز تېخىمۇ بەكرەك ئۇيىلىدۇ. شۇڭلاشقا يىگىت قىزغا نىسبەتەن كۇيۇمچان بولىشى ۋە ئاسىرىشى قىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى لازىم توي كېچىسى تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرايدىغىنى قىزلىق پەردىسىنىڭ بوزۇلۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

قىزلىق پەردىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى شەكلى قېلىن نېپىزلىكى ھەر قايسى قىزلاردا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنىۋە تۇشۇكىنىڭ ھالقىسىمان غەلۋىرسىمان يېرىم ئايسىمان .. قاتارلىق بولىدىغانلىقىنى باشتا كۆرسىتىپ ئۆتتۇق .

كۆپىنچە قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدىكى تۇشۇكنىسبەتەن كىچىكبولۇپ ئادەتتە پەقەت بىر بارماقلا پاتىدۇ . شۇڭلاشقا تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلىشقاندا ئاسانلا بوزۇلىدۇ ۋە ئازراق ئاغرىيدۇ ئازمىقداردا قانايدۇ . جىنسىي ئالاقىدىن بۇرۇن يىگىت قىزغا نىسبەتەن ئىمكان بارىچە مۇلايىم مېھرىبان بولۇپ قىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئارزۇسىنى قوزغىتىش لازىم .
جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا يىگىت ھاياجىنىنى بىر ئاز بېسىۋىلىپ ھەرىكىتىسىلىقسىپايە بولۇشى قوپاللىقتىن ساقلىنىشى ھەر دائىم قىزنىڭ ھالىغايېتىشى بىرىنجى قېتىم ئىش ئەپلەشمىسە قايتا بىر نەچچە قېتىم سىناپ كۆرۇشىلازىم. قىزمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىدىكى جىددىيلىك ۋە قورقۇش روھىيھالىتىنى يېڭىپ خوشاللىق بىلەن جىنسىي لەزەتلىنىشتىن بەھرىمان بولىشىلازىم .

قىزلىق پەردە بوزۇلغاندا قىز ئىككى پۇتىنى يۇقىراق كۆتۇرۇپ تىزىنى ئېگىپ تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچىنىپ ئىنجىقلاپ بەرسە ئاغرىق پەسىيشى مۇمكىن .

قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىكى ئاغرىشقا نىسبەتەن ھەر قايسىقىزلارنىڭ سەزگۇرلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاغرىشقا نىسبەتەن بەزى قىزلار زىيادە سەزگۇر بولسا بەزىلىرى ئانچە سەزگۇر بولمايدۇ. ئەگەر بەكرەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۇچ كۇندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىىشسا بولىدۇ…قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندا ئاز مىقداردا قاناش يۈز بېرىدۇ.. بۇ كۆپىنچە ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ . ئانچىلا دىققەت قىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۇرىيتى يوق.

لېكىن قان زىيادە كۆپ چىقىپ كەتسە كۇتۇلمىگەن ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۇچۇن دەرھال دوختۇرغاكۆرۇنۇش باشقىلارنىڭ كۇلكىسىدىن قورقۇپ داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۇزىۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ناھايىتى پىششىق بولۇپ جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنمۇ بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن . بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردە تۆشۇكى ئەسلىدىلا ناھايىتى كەڭ بولۇپ تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىمۇ ھېچقانداق قىينلىق ھىس قىلالماسلىقى مۇمكىن . بەزى قىزلىق پەردىدە قان تۇمۇرلار ناھايىتى ئاز بولۇپ بولۇپمۇ قىزلىق پەردە تۇشۇكى نىسبەتەن چوڭ بولغانلارنىڭ تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىمۇ قانىماسلىقى مۇمكىن؛ بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ئەسلىدىلا ناھايىتى نازۇك بولۇپيۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك توپ ئويناش ، يۇگۇرۇش ئېگىزگە سەكرەش ئاتقا مىنىش ۋىلىسپىت مېنىش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەر جەريانىدا بوزۇلۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن .

شۇڭلاشقا تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن قىزلىق پەردىسىنىڭ قاناش-قانىماسلىقى، ئاغرىش ئاغرىماسلىقى بىلەن يولدىشىنىڭ قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى بەلگىلەش ئىلمىي قاراش ئەمەس. ئەگەر توي كىچىسى تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلغانداقىزلىق پەردىدە قاناش يۇز بەرمىسە ياكى قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ئەمەسلىكى سېزىلىسە ئۇنچىلا كۆپ بولمىغۇر ئويلارنى ئويلاپ ناھەقچىلىك پەيدا قىلىپ قىزغا ئۇۋال ئەلەم قىلماسلىقى ئازاربەرمەسلىكى ئۆز ئارا مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۇزمەسلىكى لازىم .

يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە يېگىتلەرنىڭ قاراپ قوبال ھەرىكىتى قىزلارداجىسمانىي جەھەتتىن ئازاب كەلتۇرۇپلا قالماي يەنە تەرەپلەردىنمۇ ئازاپ كەلتۇرۇشى مۇمكىن جىسمانىي جەھەتتىكى ئازاپ-زەخمىلىنىشىنى ئاسانلا داۋالىغىلى بولىدۇ زەخمىلىنىش تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ لېكىن روھىي ئازاب ۋەزەخمىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلماقنىسبەتەن قېيىن بولۇپ ھەر ئىككيلەننىڭ ئوز ئارا مۇھەببىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۇزىدۇ…شۇڭلاشقا ئەرلەر بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرى لازىم .

ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ قېتىم ئوڭۇشلۇق بولمىسا دوختۇرغاكۆرۇنۇپ سەۋەبىنى تېپىپ داۋالىنىش لازىم . قىسمەن قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى مۇستەھكەم چىڭ ھەم تۇشۇكى يوق بولىدۇ ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا دوختۇرغا تەكشۇرتۇپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقاتوغرا كېلىدۇ. بەزى قىزلاردىكى روھىي جەھەتتىكى زىيادە جىددىيلىك ۋە ۋەھىمەقورقۇشلار بىلەن كېلىپ چىققان جىنسىي يولىنىڭ سىپازمىلىنىشى (تارتىشىپقىسقىرىشى ) مۇ جىنسىي ئالاقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىريەتكۇزىدۇ.

ئەرلەرنىڭ زىيادەھاياجانلىنىشى تۇپەيلىدىن بەزى مەنىبالدۇرۇ چىقىپ كېتىش ئەھۋالى يۇز بېرىشى مۇمكىن ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۇزبەرسە ئانچىلا روھىي ئازابلىنىپ كېتىشىنىڭ غەم ئەندىشە قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق … كۇنلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولۇپبۇخىل ھادىسە ئوزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بەزى ياشلا ر قولى بىلەن لەززەتلىنىپ ئادىتىگەكۆنۇپ قالغان بولسا توي كېچىسى ئىدىيە جەھەتتىكى تەشۋىلىنىش قورقۇش جىددىيلىك نەتىجىسىدەتۇنجى قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنىياخشى قىلالماي قالىدۇ .زەكەر قوپمايدىغان ياكى قوپسىمۇ ئانچىلا قاتمايدىغان ئەھۋالىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۇتۇنلەي روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك بۇ خىل جىددىيلىشش بىلەن تەشۋىلىىنىشنى تۇگەتكەندىلا بۇ ئەھۋال ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

جىنسىي ئالاقە قىلىشجەريانىدا ئەر-ئاياللارنىڭ سىرىتقى جىنسىي ئەزالىرىبىر-بىرىگە ناھايىتىزىچ يېپىشىدۇ ۋە سۇركىلىدۇ…زەكەر جىنسىي يولغا كىرىش ۋە سۇركىلىشجەريانىداجىنسىي يول ۋە سۇيدۇك يولى ئېغىزى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ. باكتىرىيەلەرنىڭسۇيدۇك يولىغا كىرىشىگە ئوڭايلىق شارائىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئۆتكۇرسۇيدۇك يولى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ئاياللارنىڭسۇيدۇك چىقىرش يولى قىسقا بولىدۇشۇڭا باكتىرىيلەر ناھايىتى ئاسانلادوۋساققا كېرىپ <<شىرىن ئاياللاردىكى دوۋساقياللۇغى>>پەيداقىلىدۇ.

ئەگەر يۇقۇملىنىش يۇقىرىغا قاراپ يامرىسا بۆرەك جامى ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن سۇيدۇك يولى ياللۇغلانغان ۋاقتىتا تىتىرەش، قىزىشبەل ئاغرىش سۇيدۇك تىز تىز قىستاش قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىل ئالامەتلەر سىزىلسە دەرھال دوختۇرغاتەكشۇرتۇپ داۋالىنىش لازىم خېجىللىق ئىزا تارتىش تۇپەيلىدىن داۋالىتىش ۋاقتىنى قىلچىمۇ كېتىكتۇرۋىتىشكە بولمايدۇپۇتۇنلەي ساقييشتىن بۇرۇن قايتاجىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۇزبېرىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ھەر ئىككىيلەنجىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىنيۇيۇنۇشلىرى لازىم ھەمدە جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئايال دەرھالسىيىىۋەتسەسۇيدۇك يولىدىكى باكتىرىيلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋىتىشى مۇمكىن . قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىسە كۆپرەك سىيىپ بەرسە دوۋساق ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئالدىنىئېلىستامەلۇم پايدىسى بولىدۇ شۇنداقلا سودا دورىسسىنى قوشۇپ ئىچسە سۇيدۇك ئىشقارلىق خاراكتېرگە ئۆزگىرىپ باكتىرىيلەرنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە پايدىسىز مۇھىت پەيدا بولىدۇ.

يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، ھاراقتىن كېين جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزۇپ ناۋادا شۇ ۋاقىتتا تۇخۇم ئاتىلانسا ئۇنىڭدا تۇغۇلغان بالىنىڭ جىسمانىي ئەقلىي ئىقتىدارى ناچاربولىشى مۇمكىن .تاماكا چىكىشمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭسالامەتلىكىگە تەسىريەتكۇزىدۇ. شۇڭلاشقا ياشلار توي قىلىشتىن بۇرۇن تاماكا چىكىشىنى ھاراقئىچىشنى تاشلىغىنى تۇزۇك

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:31:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ