ئەمەلىيەتتە دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ. دائىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى ستوزىن ئامىنۇ كىسلاتالىق ماددىلار خىمىيىلىك رېئاكسىيىلىنىپ تىمىنغا يېقىنلىشىپ قالىدىغان ماددىغا پارچىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىرسىيەت كودىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ: توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەر ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كومپيۇتېرنى ئاز ئىشلىتىشى ياكى قول كومپيۇتېرى ئىشلىتىشى كېرەك. چۈنكى، سۇيۇق كرىستاللىق كۆرسەتكۈچنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئېرسىيەت كودىنىڭ (شىفىر) كەمتۈك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈنىگە 400 مىللىگىرام فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللارنىڭمۇ بۇلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.