كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. كومپيۇتېردا 45 مىنۇت مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن چوقۇم 10 مىنۇت دەم ئېلىش كېرەك.
2. كومپيۇتېردا ئۇزاق مەشغۇلات قىلىدىغانلارنىڭ كۆزى ئاسان قۇرغاقلىشىدۇ. شۇڭا، قۇرغاقلىشىشقا شىپا بولىدىغان كۆز دورىسىنى دائىم تېمىتىپ تۇرۇش، ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
3. كومپيۇتېر مەشغۇلاتى جەريانىدا چىراغ نۇرىنىڭ كۆزگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
4. باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىن ئولتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئۇ يەردە رادىئاتسىيە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
5. ئېكراننى بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ قىلىۋالماسلىق كېرەك.
6. مەشغۇلاتتىن كېيىن قول بېغىشى، بىلەك، بويۇن ۋە دۈمبە قىسمىنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.
7. كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىدىغانلار ۋىتامىن B6 تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.