ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يانفون ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشتىكى «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى»گە ئايلىنىپ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ھاجەتخانىغا قەغەز ئالماي كىرىپ ئىشتىنىنى بۇلغاپ قويۇشنى ئۇنتۇسا ئۇنتۇيدۇكى ھەرگىزمۇ يانفون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ھاجەتخانىدا يانفون ئوينىسىڭىزغۇ بىر مەھەل پەيزى بولىدۇ، لېكىن شەكىلسىز ھالدا تەرەت قىلىش ۋاقتىڭىزنى ئۇزارتىپ، كەلگۈسىدە سىزنىڭ گېموروي كېسىلى سەۋەبىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشىڭىزدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلىگەن يانفونغا «ئاشىق» ياشلار ھاجەتخانىدا يانفون ئويناش بەدىلىگە «گېموروي» مۇكاپاتىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.
2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئارىسىدا مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50.1كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە گېموروي %98.09نى ئىگىلىگەن. بۇ 10 نەپەر مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئىچىدە توققۇزى گېموروي دېگەن گەپ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا «گېموروي»لۇق ياش دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكىلى بولىدۇ؟
1. ياخشى بولغان چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھاجەتخانىدىكى ۋاقتىنى 10 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.
2. ھاجەتخانىغا كىچىك بىر ئورۇندۇق قويۇۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرغاندا كىچىك ئورۇندۇقنى دەسسەپ ئولتۇرغاندا تەرەت تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
3. مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىپ ھەرىكەتنى كۆپەيتىش لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17894405.shtml