تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇ سىز دوختۇر، مېنىڭ 4 بالام بار، ئۈچىگە سۇ چېچىكى چىقتى ، يەنە بىرىگە چىقمىدى. بۇ چىقمىغىنى ھازىر 12 ياش. كېيىن چىقىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟ باشقىلار ھەر بىر بالىغا چوقۇم چىقىدۇ دىگەن ئىدى.

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
ھەربىر بالىغا چىقىش شەرت ئەمەس. بەلكىم ئۇ بالىڭىز شۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانمىغان. ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن بولسا، كېيىن چىقىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئادرىستا سۇ چېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار تەمىنلەندى.
سۇ چېچىكى ھەققىدە
سالامەت بولۇڭ.