مېنىرال ماددا دېگەن نىمە ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يەر پوستىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 90 نەچچە خىل ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدە كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت ئېلېمېنتلىرى ئاساسلىقى ئورگانىك بىرىكمە شەكلىدە ئۇچرىغاندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق قالغان ئېلېمېنتلار مەۋجۇت بولۇش شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇملاشتۇرۇپ مىنېرال ماددا دەپ ئاتىلىدۇ.

مېنىرال ماددا دېگەن نىمە ؟

مىنېرال ماددا يەنە ئانئورگانىك تۇز دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلاردىن ئىبارەت. گەرچە نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى قەدىمكى كىشىلەر مىنېرال ماددىلارنى چۈشەنگەن ھەمدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر قاتارلىقلارنى تاۋلاپ تۇرمۇشتا كەڭ قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن تا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندىلا، كىشىلەر ئاندىن مىنېرال ماددىلارنى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت دەپ قاراشقا باشلىدى.

ئادەم بەدىنىنىڭ كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن، مىنېرال ماددىلارنى ماكرو ئېلېمېنتلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ماكرو ئېلېمېنتلار ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان، بەدەننى تۈزگۈچى ئېلېمېنتلار بولۇپ، يەنە ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولغان كالتسىي، فوسفور، كالىي، ناترىي، ماگنېي، خلور، گۈڭگۈرت قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇلارغا بولغان كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 100 مىللىگرامدىن ئاشىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى %0.01 تىن ئاز، ھەر بىر ئادەمنىڭ كنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 100 مىللىگرامدىن ئاز ئېلېمېنتلار مىكرو ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدە مىكرو ئېلېمنېتلاردىن 70 خىلى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي مىقدارى ئاران %0.05 نى ئىگىلەيدۇ.  بۇلار تۆمۈر، يود، سىنك، سېلېن، مانگان، خروم، مولىبدېن، ۋانادىي، كوبالىت، فتور، كرېمنېي قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، تۆمۈر بىلەن سىنكنىڭ كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى نەچچە ئون مىللىگرام ئەتراپىدا بولغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق مىقدارى كۆپىنچە بىر نەچچە مىكروگرامدىن بىر نەچچە مىللىگرامغىچە ئارىلىقتا، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئاز بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ