ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىياش تۇرۇپلا يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ

ياش تۇرۇپلا يۈرەك تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك تىقىلمىسى ناھايىتى خەتەرلىك، كېسەللىك قوزغالغان ھامان جاننى ئالىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

يېقىندا، تونۇلغان بىر سىنارىست يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبلىك قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانىبارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، سۇبېي دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك قان-تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 69 ئاغرىققا يۈرەك تىقىلمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 سائەت ئىچىدە ئۇدا 10 ئاغرىققا دىياگنوز قويۇلغان. بۇ يۈرەك تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئىچىدە %20تىن كۆپرەكىياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاربولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى 27 ياشتا ئىكەن.

پەقەت بىر يەرلىك دوختۇرخانىدا مۇشۇنداق بولغان، ئۇنداقتا پۈتۈن مەملىكەتتىچۇ؟ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار بىر ئائىلىنىڭ تۆۋرۈكى،دەل جان تىكىپ تىرىشىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان باسقۇچتا تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ قازا قىلىشىئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن قوبۇل قىلىش تەس بولغان ئازاب ۋە يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ياشلار يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولىدۇ؟

بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، بۇ كېسەلنى ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئالماشتۇرۇۋېلىش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشقالايمىقان بولۇش؛ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زىيادە كۆپ تاماق يەۋىلىش؛ كۈن بويى ئولتۇرۇش، ھەرىكەت قىلماسلىق؛ خىزمەت كۆپ، بېسىمئېغىر بولۇش… بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىقئامىللاردۇر، ئەمما بۇنۇرغۇن كىشىنىڭتۇرمۇش ئادىتى بولۇپ كەتكەن. بۇنداق بولغاندا بەدەن بالدۇرلا ھالسىزلىنىپ، يۈرەك تىقىلمىسىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن كېسەللىكمۇبالدۇرلا قوزغىلىدۇ.

ئۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟مەسىلەن: چىش ئاغرىقى، كىندىك ئەتراپى ئاغرىش، كۆكرەك سىقىلىش، سول يۇقىرىقى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىش، تاغاق سۆڭىكى ئاغرىش، تاپان ئاغرىش قاتارلىق بەدەندىكى ئالامەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بارسا بولىدۇ. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پايدىسى، ئۈنۈمى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي رولى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

چۈنكى يۈرەك تىقىلمىسى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان بەدەندىكى بۇ خىل ئالامەتلەر يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكىدىلا كۆرۈلمەيدۇ. ئالامەتلەر كۆرۈلسىمۇ بۇنىڭ چوقۇم يۈرەك تىقىلمىسى بولۇشى ناتايىن.چىش ئاغرىسا يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان بۇلامدۇ؟ كۆكرەك سىقىلسا ۋە تاپان ئاغرىسا يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغان بولامدۇ؟ ئەممائەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپچىلىك بۇ ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىپ، ھۇشيار بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قولىدىكى بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ دوختۇرخانىغا بارالىشى مۇمكىنمۇ؟

بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كۈندە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ، خىزمەتتىكى، ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ۋە تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن چىگىچ ھەم مۇرەككەپ ئىشلار بىلەن بولۇپ كەتسە، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟

شۇڭا، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ياشلىشىپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېلىشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاڭلىقىلىقىغا تايىنىشقا، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، گۆشنى ئاز يەپ، كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي ھالەتنى ياخشى تۇتۇش… يۇقارقىدەكتۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ داۋاملاشتۇرالىغاندىلا،يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى نېگىزىدىن يۇقاتقىلى بولىدۇ.

(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-03 / 05:42:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ