قان بېسىمى كۈزىتىش خاتىرە جەدۋىلى
ئۇيغۇرچە – تۈركچە نۇسخىسى
Tansiyon takip formu
يۈرەك كېسىلى، قان بېسىمى كېسىلى بارلار، قان بېسىمى بىنورماللىقتىن شۈبھىلەنگەنلەر ئەگەر يۈرەك كېسەللىكى بۆلۈمىگە، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋەيا ئائىلە دوختۇرىغا بېرىپ بۇ توغرىلىق كۆرۈنۈپ باقماقچى بولسىڭىز، ئامال بار بىرقانچە كۈن بۇرۇن (5-7 كۈن بولسا ئەڭ ياخشى) قان بېسىمىڭىزنى ئەتتىگەن ئاخشام ئۆلچەپ، « بىر دەپتەرگە ياكى ۋاراققا يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ » ئاندىن بېرىڭ. چۈنكى شۇ دوختۇرلار سىزنىڭ قان بېسىمى خاتىرىڭىزگە ، بەدەن ئالامەتلىرىڭىزگە، بەدەن تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن باھالاپ دىئاگنوز قويىدۇ. ئەگەر قان بېسىمىنى ئۆلچىمىگەن بولسىڭىز ۋەيا ئۆلچىدىڭىز ئەمما خاتىرلىمىدىڭىز پەقەت ئاغزاكىلا پالانى كۈنى قان بېسىمىم يۇقىرى چىقتى دىگەن تەغدىردىمۇ، دوختۇر سىزگە ئۆيگە قايتىپ، 5-6 كۈن ئۆلچەپ يېزىپ كېلىڭ ئاندىن كۆرۈپ باقىلى دەپ سىزنى قايتۇرۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدىن ئۆلچەش خاتىرە قالدۇرۇش بەك مۇھىم.
بۇ يەكشەنبە كۈنى بالىلىرىم سىرتقا ئېلىپ چىققىن دەپ بېشىمنى ئانچە ئاغرىتمىدى، شۇڭا 4-5 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بىر قان بېسىمى كۈزىتىپ خاتىرە قالدۇرۇش جەدۋىلىنى ياساپ قويدۇم. پ د ئەف، رەسىم، ۋورد ئۈچ خىل شەكىلدە تورغا يوللاپ قويدۇم. ئەگەر سىز، ۋەيا ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنىڭغا ئىھتىياجى بار ياشانغان، كېسەل شۈبھىسى بار كىشىلەر بولسا، چۈشۈرۈپ قەغەز شەكىلدە تەييارلاپ بېرىڭ. سىزدىن كېتىدىغىنى 50 كۇرۇشلۇق قەغەز پۇلى. ئەمما ئۇ كىشى چوقۇم سىزدىن مىننەتتار بولىدۇ. ئۇ كىشى خاتىرىلەپ دوختۇرغا ئاپارسا، دوختۇرنىڭ، بىمارنىڭ كۆپ ۋاقتى تېجىلىدۇ، شۇ تېجەلگەن ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى، تېخىمۇ تەپسىلىيرەك دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
1. بۇ جەدۋەل ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. ئاسانلا چۈشىنەلەيسىز. 120/80 دەپ قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچىگەن بولسىڭىز، قان بېسىمى يۇقىرىسى دىگەن قۇرغا 120 نى يېزىڭ. قان بېسىمى تۆۋىنى دىگەن قۇرغا 80 نى يېزىڭ.
2. ئەتتىگەن ئاخشام ئۆلچەڭ، يىل ئاي كۈن ۋە سائەت ۋاقىتلىرىنى يېزىڭ. مەسىلەن 2022.2.20 8:30 دەپ ۋاقىتنى يازسىڭىز بولىدۇ.
3. يۈرەك رېتىمى قۇرىغا، شۇ ۋاقىتتىكى بىر مىنوتتا سوققان يۈرەك قېتىم سانىنى يېزىپ قويۇڭ. بۇمۇ پايدىلىق. بەلكىم سىزنىڭ رەقەملىك قان بېسىم ئۆلچىگۈچتە يۈرەك رېتىمىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4. قوشۇمچە ئۇچۇرلار قىسمىغا، شۇ ۋاقىتتىكى بەزى مۇھىم دەپ بىلگەن ئىشلارنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن شۇ ۋاقىتتا قان بېسىمىڭىز يۇقىرى چىقتى، بېشىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ، شۇنى يېزىڭ. قان شىكىرىنىمۇ ئۆلچىگەن بولسىڭىز، ئۇنىمۇ قوشۇمچە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ دىگەندەك.
5. بىر كۈن ئىچىدە مەلۇم ۋاقىتتا بېشىڭىز بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا، كۆزىڭىز قىزىرىپ كەتكەن بولسا، ۋەيا قان بېسىمىڭىز يۇقىرىلاپ كەتتى ۋەيا چۈشۈپ كەتتى دەپ ھىس قىلسىڭىز، ئۆلچەڭ. ھەم ۋاقىتنى نەتىجىنى (نورمال بولسىمۇ يېزىپ قويۇڭ) ئالامەتلەرنى يېزىپ قويۇڭ. دوختۇرغا چوڭ پايدىسى تىگىدۇ.
6. جەدۋەلنى مەيلى قايسى دوختۇرغا (ئۇيغۇر دوختۇر بولسۇن، تۈرك دوختۇر بولسۇن، سىزگە ئەڭ يېقىن ساغلىق ئوچاغىدىكى چەتئەللىك دوختۇر بولسۇن) ئاپىرىڭ، بۇنى جەدۋەلنى ئاسانلا چۈشىنەلەيدۇ. ھەم خۇرسەن بولۇپ سىزگە يول كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ ھەم سىز ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزدىن دىرەك بېرىدۇ.
مەن ئىشلىگەن ئاۋجىلار 7 نومۇرلۇق ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا كەلگەن كېرەكلىك بولغانلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىمەن.
كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)
چۈشۈرۈش ئادرىسى تۆۋەندە:
(ئۈچىلىسى كۆرۈنۈشى ئوخشاش، پەقەت فورماتى ئوخشىمايدۇ، ھەممىسى ئا4 قەغەز چوڭلۇقتا)
ئا4 قەغەز JPG رەسىملىك نۇسخىسى
پ د ئەف نۇسخىسى:
ۋورد نۇسخىسى: