كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يىيىش، ئارىلىقلىرىدا كىچىك يېمەكلەرنى، تاتلىق تۈرۈم ياكى باشقا غىزالارنى يىيىش تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى. ئاغزىمىزدىن ھەممە نەرسە كىرىدۇ. شۇڭا ئىلمىي غىزالىنىش بىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم. ئەگەر ئىلمىي غىزالانمىساق، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
سېمىزلىك
تاماقنى بەك تويغۇچە يېگەندە قاندىكى شېكەر مىقدارى، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا كەچلىك ھەرىكەتنىڭ ئازىيىشى قوشۇلسا ئىنسۇلىننىڭ ياردىمىدە ياغقا ئايلىنىپ، ئادەم بارا – بارا سەمرىشكە باشلايدىكەن.
قاندىكى ياغ تەركىبى ئېشىپ كېتىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمى
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ قاندىكى ياغ مىقدارى دائىم گۆشسىز تاماق ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ – تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا، قاندىكى ياغ مىقدارى، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلسا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
قەنت كېسىلى
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تاماقنى بەك تويغۇچە يېسە، ئىنسۇلىننىڭ تەكرار ئاجرىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئاسانلا قەنت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
ئىستېمال قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى زىيادە كۆپ بولسا، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، قان تومۇر دىۋارىدا جۇغلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قان تومۇرلار قېتىشىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.
جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى يەللىكى
كەچلىك تاماقنى بەك تويغۇچە يېگەندە، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ئوڭايلا يەللىكلىنىپ، ئۇخلاۋاتقاندا شۈك بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدىكەن. ئەگەر ئۆت يولىدا تاش بولسا توسۇلۇش، سازاڭسىمان مەددە، ئاستا خاراكتېرلىك يەللىكلىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى يەللىكى قوزغىلىدىكەن.
ئۈچەي راكى
تاماقنى ۋاقتىدا يېمىگەندە قىسمەن ئاقسىل ھەزىم قىلىنماي، ئارتۇقچە ئاقسىل ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەنىڭ رولىدا بىر خىل زەھەرلىك ماددا پەيدا قىلىدىكەن. بۇنىڭغا ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى قوشۇلسا، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇراپ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىدىكەن.
سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزاق مەزگىل كەچلىك تاماقنى بەك ۋاقچە يېگەندە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. چۈنكى سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق تەركىب كالتسىي بولۇپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ بىر قىسمىنى ئۈچەي دىۋارلىرى سۈمۈرگەندىن سىرت، كۆپ قىسمى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىكەن. ئەگەر كەچلىك تاماق بەك ۋاقچە يېيىلسە سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدىكەن.
نېرۋا ئاجىزلىق
كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.