مەزى بېزى ئەرلەرنىڭ «ھاياتلىق بېزى» بولۇپ، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، مەزى بېزى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئەرلەرنىڭ پۈتكۈل كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيانلىق بولۇپ، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى، تاشاق (ئۇرۇقدان) ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا تەرەققىي قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىق بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ 7 خىل ئازابى
بىرىنچى ئازاب: ئاغرىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ
ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك توققۇز كۆز، چاتراق، تاشاق قاتارلىقلارنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى، سۈيدۈك پاكىزە چىقماسلىق، كېچىدە كۆپ سىيىش قاتارلىقلار بىمارنى بىئارام قىلىپ، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئىككىنچى ئازاب: پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
كېسەللىكنى ئۇزاق مۇددەت ۋاقتىدا داۋالىمىغانلىق سەۋەبتىن، ھەر خىل كېسەللىك ۋە بىئارامسىزلىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئېغىرلاپ ياكى بىۋاسىتە جىنسىي تۇرمۇش تۇيغۇسى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىماردا بىر خىل يامان خاراكتېرلىق غىدىقلىنىشنى پەيدا قىلىپ، تەدرىجى ھالدا ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، بالدۇر ئىسپىرما كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى ئازاب: ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ روھىي بىنورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
نورمال ئەھۋالدا مەزى بېزى كۆپ خىل ئاكتىپ ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغاندىن كېيىن، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى نېرۋا ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىپ روھى بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئۇيغۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كۈچسىز، باش قېيىش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۆتىنچى ئازاب: ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ
ئادەمنىڭ مەزى بېزىنىڭ ئىچىدە بىر خىل باكتېرىيەگە قارىشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، مەزى بېزى مىكروپقا قارىشى فاكتور دەپ ئاتىلىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغاندا، بۇ خىل مىكروپقا قارىشى فاكتور ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
بەشىنچى ئازاب: ئەرلەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدۇ
ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىق ياللۇغ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، مەزى بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇرۇق سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇيۇقلىنىش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالتىنچى ئازاب: ئاستا خاراكتېرلىق بۆرەك ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا تەرەققىي قىلىپ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشكە ئايلىنىشى مۇمكىن
مەزى بېزى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، دوۋساق ئېغىزىنى بېسىۋېلىپ، سۈيدۈكنىڭ تولۇق چىقىرىلماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇپ، سۈيدۈك قالدۇقى قېلىپ قالىدۇ.
قالدۇق سۈيدۈك باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت تەمىنلىگەندىن سىرت، دوۋساق شىلىمشىق پەردىسىنىڭ قارىشى تۇرۇش مىخانىزىمى زەخمىگە ئۇچراپ، ئاسانلا سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۈزۈل-كېسىل داۋالىمىغاندا، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلار تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ بۆرەك ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرى داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلىقتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەتتىنچى ئازاب: ھەمراھىغا يۇقۇپ ئاياللار ياللۇغ كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ
مەزى بېزى ياللۇغى ئايالىغا يۇقىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ بەزى ئالاھىدە كېسەللىك باكتېرىيەلىرى بىلەن يۇقۇملانغان مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئايالغا يۇقىدۇ. مەسىلەن كۆكەرتكۈچى زەمبۇرغ خاراكتېرلىق مەزى بېزى ياللۇغى، تامچە قۇرت خاراكتېرلىق مەزى بېزى ياللۇغى، سۆزنەك خاراكتېرلىق مەزى بېزى ياللۇغى، گونوكوكسىنسىز (مەسىلەن خلامىدىيە، مىكوپلازما) مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار.