ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقناشتا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر...

ناشتا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر…

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

شياۋخې ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1.ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى

كىلىنكىلىق تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ناشتا قىلماسلىق ئادىتى بار ئىكەن. بۇنداق كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان، ئۈچەي بىيولوگىيەلىك سائىتىگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەت بار، مۇقىم ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل بولغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى كېچىچە ماددا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاشقازاندا يېمەكلىك قالمايدۇ. ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلمىسا، ئاشقازان، ئۈچەي توختىماي ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۈچەي يولى ۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئاشقازان يارىسى ۋە باشقا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

2.جىگەرنى ماي قاپلاش

جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەلللىكى كىشىلەرگە خېلى تونۇش، بەزىلەر سېمىز كىشىلەر ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، جىگەرنى ماي قاپلاش بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، ھەتتا ئورۇق كىشىلەرمۇ بار. جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكى يېمەكلىك بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ ناشتا قىلمىغان چاغدا بەدىنىمىز توختىماستىن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، بەدەندىكى قان شېكەر مىقدارىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەر گىلىكوگېنىنى ئۈزۈكسىز پارچىلاپ، ماددا ئالماشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنى ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تەمىنلەيدۇ، ئەمما گلىكوگېننىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى ماي جىگەرنى قاپلاپ، ئاخىرىدا بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

3. ئۆتكە تاش چۈشۈش

ئۆتكە تاش چۈشۈش دېگەنلىك ئۆت يولى سىستېمىسى ياكى ئۆت نەيچىسىدە پەيدا بولغان تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ، ئادەتتە قورساق ۋە مۈرە قىسمىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆتگە چۈشكەن تاش ئۆت خالتىسىغا داۋاملىق سۈركەلگەندە ياللۇغلىنىش، ھەتتا ئۆسمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۆتكە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى ناشتا قىلماسلىقدۇر، چۈنكى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاشقازان داۋاملىق لۆمۈلدەپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك ھەزىم قىلىنمىسا، ئاشقازان دىۋارى ئاسانلا زەخىملىنىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى خولېستېرول ماددىسىنىڭ يىغىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆتكە تاش چۈشۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

4. يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى

ئۈچ ۋاق تاماقنى قانۇنىيەتلىك يىيىش ماددا ئالمىشىشنىڭ نۇرماللىقى ۋە قان تومۇر ساغلاملىقىنىڭ ئاساسى. بىراق كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر بۇ ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، نەتىجىدە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان تومۇرلار قېرىپ، ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان قۇرۇق ھالەتتە تۇرغاندا، قاندا B تىپلىق قان نۆكچىسى گىلوبولىنى ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق ماددا بەزىدە قاننىڭ ئۇيۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قان ئېقىمى ئاستىلاپ قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17912629.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-16 / 08:55:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ