ئانا سەھىپەئالامەتلەرئۇنىۋېرسال ئالامەتلەربەدىنىڭىزدە بۇ بەش چوڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ھەرگىز سەل قارىماڭ

بەدىنىڭىزدە بۇ بەش چوڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ھەرگىز سەل قارىماڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ئۇششاق مەسىلىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن چىداپ ئۆتكۈزىۋېتىپ كارى بولمايدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ كىچىك مەسىلىلەرنىڭ كەينىدە بەلكىم يەنە چوڭ مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ بەزى روشەن بولمىغان كىچىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىزچىل كارى بولماي ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، شۇڭا كىچىك مەسىلىلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان، ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بەدىنىڭىزدە بۇ بەش چوڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ھەرگىز سەل قارىماڭ

1. تۇيۇقسىز باش قېيىش ياكى باش قاتتىق ئاغرىش

تۇيۇقسىز باش قېيىشنى نۇرغۇن كىشىلەر قان ئازلىقتىن دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە قان ئازلىقتىن باشقا، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، مېڭە توقۇلمىلىرىدا يۇمشاش ۋە نېكروزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بىماردا تۇيۇقسىز باش قېيىش ياكى باش قاتتىق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يەنە پەسىيىدۇ، مانا بۇ مېڭە تىقىلمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، يۈز بەرگەن ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك.

2. كىندىك ئەتراپى ياكى ئوڭ قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىش

ئەگەر ئوڭ قورساق قىسمى ۋە كىندىك ئەتراپىدا داۋاملىق قاتتىق ئاغرىش كۆرۈلسە، ھەرگىز قارىغۇلارچە ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كېسەللىكلەر بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سوقۇر ئۈچەي، ئاشقازان يارىسى ياكى ئۈچەي يولى توسۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا، سوقۇر ئۈچەي يەنە ئۈچەي يولى ۋە قورساق بوشلۇقى ئىچىدە يۆتكىلىشنى، ھەتتا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

3. دەككە-دۈككە بولۇش، يۈرەك سېلىش، نەپەس قىيىنلىشىش

يۈرەك تىقىلمىسى ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب، ھازىر خىزمەتچىلەر دائىم تۈنەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، جىددىي خىزمەت قان تومۇر ۋە يۈرەككە شەكىلسىز بېسىم پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق ئارام ئالمىسا، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلايدۇ. ئەگەر يېقىندىن بۇيان دائىم يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ھەمدە نەپەس قىيىنلىشىپ ۋە يۈرەك ئاغرىسا، ۋاقتىدا يۈرەككە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

4. داۋاملىق قىزىش

ئەگەر يېقىندىن بۇيان دائىم تەكرار قىزىپ قالسا، دورا ئىچكەندىن كېيىن قىزىتمىسى يانسا، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چۈنكى، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار قىزىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئۆسمە، ئىممۇنولوگىيەلىك كېسەللىك، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىقلارمۇ بىنورمال قىزىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت قىزىتمىسى يانمىسا، ئاق قان كېسىلى، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

5. پاقالچاق دائىم كۆيۈپ ئاغرىش، ھەمدە سىرتقى يۈزىدە قان تومۇرلار پۇلتىيىپ چىقىش.

بۇ ۋېنا قان نوكچىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ دائىم ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان كىشىلەردە تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ. تۆۋەنكى مۈچىلەر ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ، تۆۋەنكى مۈچە ۋېنا قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ۋېنا قان نوكچىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىككە سەل قارىماڭ، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ ئاجراپ كەتسە، ئاسانلا ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ، مەسىلەن، ئۆپكە ئارتېرىيە توسۇلۇش مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7235726.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-27 / 04:56:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ