توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەزى ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچسە ياكى ياستۇق بەك پاكار بولۇپ قالسا، ئەتىگەندە كۆزى يېنىك ئىششىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىششىق ئادەتتە بىر مەزگىل ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ خىل فىزىيولوگىيەلىك قاپاق سۇلۇق ئىششىقى ساغلام كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بەدەنگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.
نورمال كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپرەك سۇ ئىچسە ياكى كەچتە بەك تۇزلۇق تاماق يېسە يۈز قىسىمىنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئىششىق يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر زىيادە چارچاش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن باشقا ئەھۋاللاردا ئەتىگەندە قاپىقى ياكى يۈز قىسىمى ئىششىپ قالسا، كېسەللىكنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. بۇ بەلكىم بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: «سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دائىم چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، قاپاق، يۈز، پۇت ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىرىدا پۈتۈن بەدەندە روشەن سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. چۈنكى بۆرەكتىن مەسىلە چىقسا، بەدەندىكى سۇ ۋە ناترىينىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ دائىم ئەڭ بوش توقۇلما ياكى بەدەننىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسىمىغا يىغىلىپ قالىدۇ».
بۆرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىقى يۇمشاق ھەم ئاسان يۆتكىلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، كىلىنىكىدا ئويمان شەكىللىك ئىششىق پەيدا بولىدۇ، يەنى قول بارمىقى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى تېرىنى باسقاندا ئويمان پەيدا بولىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە قارىغاندا، كۆز قاپىقى ئىششىپ قالسا، پۇتىمۇ سەۋەبسىزلا ئىششىپ قالسا، بۆرەكتىن مەسىلە چىققان-چىقمىغانلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا قاپاق ئىششىقىمۇ قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىنچۈەن شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى دۇڭ چاۋشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولسا، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسسىقلىق مىقدارى ئازىيىپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان، ئاسان چارچايدىغان، ئۇيقۇچان بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئېغىر كېسەللەردە يەنە ئىككى كۆزى ۋە ئىككى پۇتى ئىشىش، ئىشتىھايى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قالقانسىمان بەز ئاجىزلىغان بىمارلاردا دائىم تېرىسى قۇرغاقلىشىش، يىرىكلىشىش، چىرايى تاتىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە چېچى كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.»
كىشىلەر قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايىتى ئاسانلا سەل قارايدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىش جەريانى يوشۇرۇن بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر قېتىم قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17958111.shtml