ئانا سەھىپەئاساسىي بىلىملەرئاناتومىيەنەپەس سىستېمىسىنىڭ ئاناتومىيىسى

نەپەس سىستېمىسىنىڭ ئاناتومىيىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نەپەس سىستېمىسى بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كىكىردەك، كاناي، ھەر دەرىجىلىك كانايچە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى، كۆكرەك پەردىسى، كۆرەك قەپىزى ۋە دىئافراگما قاتالىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كېكىردەك يۇقىرىسىدىكىلەرنى يۇقىرى نەپەس يولى، تۆۋەندىكىلىرىنى تۆۋەنكى نەپەس يولى دىيىلىدۇ.

 

  1. كاناي ۋە كانايچە:كاناي بويۇننىڭ ئالدى تەرىپى تۆۋەنكى ئوتتۇرا قىسمىدا كېكىردەك بىلەن تۇتىشىپ، تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ تىك پاسىلغا كىرىپ، تۆتىنچى كۆكرەك ئومۇرتقا ئېگىزلىكى تەكشىلىكىدە ئوڭ-سولدىن ئىبارەت 1-دەرىجىلىك شاخچە كانايغا بۆلۈنۈپ ئوڭ-سول ئۆپكىگە كىرىدۇ. 2-، 3- دەرىجىلىك شاخچە كانايلار ئۆپكە بۆلەكلىرىگە كىرىدۇ. ئوڭ ئۆپكە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەندىن ئىبارەت 3 چوڭ بۆلەككە ، سول ئۆپكە يۇقىرى، تۆۋەندىن ئىبارەت 2 بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. 4-دەرىجىلىك كانايچىلار ئۆپكە ئوچاستىكىلىرىغا كىرىدۇ. سول ئۆپكە 8 ئوچاستىكىغا، ئوڭ ئۆپكە 10 ئوچاستىكىغا بۆلۈنىدۇ. كېيىنكى كانايچىلارنىڭ بۆلۈنىشلىرى ئاز بولغاندا 6 دەرىجە، كۆپلىرىدە 25 دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ئادەتتە 23-دەرىجىلىك يېڭىچە كانايچە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە يېتىدۇ. ئۇلار خۇددىي بوشلۇقتا تەتۈر قويۇلغان بىر تۈپ دەرەخ ۋە دەرەخ شاخلىرىغا ئوخشاش بولغاچ، كاناي-كانايچىلار دەرىخى دەپ ئاتىلىدۇ. كانايچە دەرىخى شاخلىرىنىڭ دىئامېتىرى شاخىنىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسىرى كىچىكلەپ بارىدۇ. ئەمما سانى كۆپىيىۋەرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمى توغرا كەسمە يۈزى چوڭىيىپ بارغاچ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا نەپەس يوللىرىنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرمايدۇ.

    كاناي كانايچىلارنىڭ شىللىق پەردە يۈزىدە تەۋرەنمە مويلار بولۇپ، شىللىق پەردە ئېپىتىلىيە قەۋىتىدە مول ئىستاكانسىمان ھۈجەيرىلەر، شىللىق پەردە ئاستىدا بولسا كانايچە بەزلىرى بار. ئۇنىڭ كانالچە دىۋارى ئىچىدە كۈمۈرچەك بولۇپ، كاناينى تېرەپ تۇرىدۇ. تەۋرەنمە موي، ئىستاكانسىمان ھۈجەيرە، كانايچە بەزلىرى ھەمدە كۈمۈرچەكلەر ئۇششاق شاخچىلارغا بۆلۈنۈپ ئىنچىكىلىنىشىە ئەگىشىپ، بارغانسىرى ئازىيىپ ئاخىرقى كانايچىغا يەتكەندە، ئاساسەن يوقىلىدۇ. ئلار پەقەتلا ھاۋا ئۆتكۈزىدۇ. نەپەسلىنىش خاراكتىرلىك ئىنچىكە كانايچە كانالچە تېمىدا ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى بولۇپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇلارنىڭ ئاخىرىدا ئۆپكە پۈۋەكچە كانىلى، ئۆپكە پۈۋەكچە خالىتىسى بولۇپ، مەخسۇس ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

  2. قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلار:ئۆپكە ئارتېرىيىسى ھەر دەرىجىلىك كانايچە بىلەن بىرلىكتە ياندىشىپ مېڭىپ، كانايچىنىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ بۆلۈنىدۇ. ئۇ ئارىلاشما ۋېنا قېنى توشۇپ، ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئەتراپىدا مول كاپىلىيار قان تومۇر تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۆپكە كاپىلىيار قان تومۇرلىرىدىن ئادەتتىكى ۋاقىتتا 10-20 پىرسەنتىلا نۆۋەتلىشىپ ئېچىلىدۇ. ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا توپلىشىپ، ئۆپكە ۋېناسىنى شەكىللەندۈرۈلۈپ سول يۈرەككە قايتىدۇ. كۆكرەك ئائورتىسى ۋە ئۇنىڭ شاخچىلىرىدىن چىققان كانايچە ئارتېرىيىسى ئۆپكە توقۇلمىسىنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ. چوڭقۇر كانايچە ۋېنالىرى، ئۆپكە ۋېناسىغا قوشۇلۇپ، سول يۈرەك دالانچىسىغا كىرىدۇ. ئۇلار بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقان شاخچىلار بولىدۇ.

ئاداشقان نېرۋا قوزغالغان چاغدا ياكى ئاتسىتىل خولىن ( Acetylcholin ) گە ئوخشاش دورىلار كانايچە سىلىق مسكۇلىنى قىسقارتىپ، كانايچە ئىچكى دىئامېتىرىنى تارايتىپ، ئاجراتمىلارنىڭ چىقىشىنى كۆپەيتىدۇ. سىمپاتىك نېرۋا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. كانايچە دىۋارىدا β2 قوبۇل قىلغۇچ تەنچە بولۇپ، ئادرىنالىن خىلىدىكى دورىلار ئۇنى قوزغىتىش بىلەن كانايچە سېلىق مۇسكۇللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

 

  1. ئۆپكە:ئۆپكىنىڭ ئاساسىي بىرىلىك ئۆپكە پۈۋەكچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومومىي سانى 3 يۈز مىليوندىن 7 يۈز 50 مىليونغىچە، ئومۇم مەيدانى 100 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىسى سىرتقى يۈزىنىڭ كۆپ قىسمى ياپىلاق ھۈجەيرە ( 1 تىپتىكى ھۈجەيرە) دىن تۈزۈلگەن. يانداش ئىككى ئۆپكە پۈۋەكچە ئارىلىقىدىكى توقۇلما ئۆپكە پۈۋەكچە ئارىلىقى دىيىلىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچە ئارىلىقىدا ئۆپكە ئارتېرىيىسىدىن كەلگەن كاپىلىيار قان تومۇرلىرى ۋە ئاز مىقتاردىكى كوللاگېن تالالىرى ئىلاستىك تالا ۋە تورسىمان تالالىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆپكە پۈۋەكچە كانىلى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى كېڭىيىش ۋە ئەكسىگە قايتىشتەك ئېلاستىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، كۈمۈرچەك بولمىغان ئىنچىكە كانايچىلارمۇ كېڭىيەلەيدۇ.

ئۆپكە پۈۋەكچە تېمىدىكى I  تىپ ھۈجەيرىسى بىلەن كاپىلىيار قان تومۇر ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بىر قەۋەت نېگىز پەردە بولۇپ، ئىككى نېگىز پەردە ئارىلىقىدىكى ئارىلىق ماددىسى ئىنتايىن نېپىز ، بۇ يەردىكى تورت قەۋەت تۈزۈلىشىگە ئارىلىق ماددىنى قوشۇپ، نەپەس پەردىسى دەپ ئاتايدۇ. ئومۇمىي قېلىنلىقى بىر مىكرومېتىرغىمۇ يەتمىگەچ، ئۆپكە پۈۋەكچىسى ۋە قان سۇيۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا ھاۋا ئالمىشىشقا ئىنتايىن ئوڭايلىق بولىدۇ.

ئۆپكە پۈۋەكچىسى ۋە قان سۇيۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا ھاۋا ئالمىشىشقا ئىنتايىن ئوڭايلىق بولىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىسىنىڭ ئىچكى يۈزىدە بىر قەۋەت سۇيۇقلۇق بولۇپ، سىرتقى يۈزى كېرىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئىچىگە قاراپ قىسقىرىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىسىدىكى II تىپتىكى ھۈجەيرە سىرتقى يۈزىنى جانلاندۇرغۇچى بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقارغانلىقتىن سىرتقى يۈزىنىڭ كېرىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆپكە پۈۋەكچىسىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىسىنىڭ ئەتراپىدا كاپىلىيار تورلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، تېنچ شارائىتتا بىر قسىمى ئوچۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوموم سىغىمچانلىقى 60-80 مىللىلېتر بولۇپ، يۈرەك ھەربىر قېتىم سوققاندا بىر قېتىم ئالمىشىدۇ.ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئىچىگە ھاۋا تۇتاشقاندا نەپەس پەردىسى ھاۋا ئالمىشىشنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۆپكە ۋە ئۆپكە قان ئايلىنىشىنىڭ ئوكسىگېننى سۈمۈرىۋېلىپ CO2 نى سىرتقا چىقىرىشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىچە خىزمىتى بار: نەپەس يوللىرىدىكى يېتىشمىگەن سۇنى تولدۇرىدۇ ياكى ئارتۇق بولسا چىقىرىۋېتىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى چېقىرىۋېتىش، بىر قسىم قاننى ساقلاش بىلەن بەدەن ئىچىدىكى قان ئامبىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يۇقىرى-تۆۋەن كاۋاك ۋېنا قانلىرىدىن كەلگەن مىكروپ ۋە ھەرخىل ئىمبولىلارنى سۈزىۋالىدۇ. فوسفات يېغى (فوسفاتىد) بىرىكتۈرۈپ، ئۆپكە پۈۋەكچە سىرتقى يۈزىنى جانلاندۇرغۇچى ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاقسىل بىلەن قەنتلىك ئاقسىلنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆپكە تۈرۈك توقۇلمىسى ۋە كاناي ئىچى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئانگىيوتونىن I نى ( قان تومۇرلىرىنى جىددىيلەشتۈرگۈچى ماددا) ئانگىيوتونىن II گە ئۆزگەرتىدۇ. قان ئېقىمىدىكى 5-Hydroxytryptamins  ، ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن ، ھېپارىن قاتارلىقلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

 

  1. كۆكرەك پەردىسى:كۆكرەك پەردىسى ئەزا ۋە دىۋار قەۋەت بىلەن ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئەزا قەۋەت ئۆپكىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى مەھكەم ئوراپ تۇرغان بولۇپ ئاغرىق سىزىش نېرۋىسى بولمايدۇ. ئۆپكە دەرۋازىسىدا قاتلىنىپ دىۋار قەۋەت كۆرەك پەردىسىگە ئايلىنىدۇ.

    تىك پاسىلنىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇستەقىل تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قالغان قىسمى كۆكرەك قەپىزى ئىچكى دىۋارى ۋە دىئافراگمىغا چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئىككى قەۋەت كۆكرەك پەردە ئارىلىقى يېپىق بوشلۇق بولۇپ، ئادەتتە تەتۈر بېسىم بىلەن ئاز مىقتاردىكى شىرىلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئىككى قەۋەت كۆرەك پەردىسى زىچ يىپىشىپ تۇرسىمۇ ئەركىن سىرىلىپ ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. دىۋار قەۋەت كۆكرەك پەردىسىدە سەزگۈر ئاغرىق سېزىش نېرۋىسى تارقالغان بولىدۇ.

 

  1. كۆكرەك بوشلۇقى، نەپەس مۇسكۇلى، ياردەمچى نەپەس مۇسكۇلى:ئومۇرتقا ، قوۋۇرغا، تۆش سۆڭەك، قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇلى ۋە دىئافراگمىلار بىرلىشىپ كۆرەك قەپىزىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىنى كۆكرەك مۇسكۇلى، تېرە ئاستى ياغ ۋە تېرە قاپلاپ تۇرغان بولۇپ، بويۇن، قوساق قىسمى بىلەن تۇتىشىدۇ. تېنچ نەپەس ئالغاندا دىئافراگما قىسقىرىپ، قوساق بوشلۇقىدىكى ئەزالار تۆۋەنگە، ئالدىنقى تەرەپكە قوزغىلىدۇ. قوۋۇرغا ئارىلىق سىرتقى مۇسكۇلى قىسقىرىپ، قوۋۇرغىنى يۇقىرى كۆۈرۈپ، كۆكرەك قەپىزىنى چوڭايتىش بىلەن ئۆپكە ئىچىگە ھاۋا كىرىدۇ. تېنچ نەپەس چىقارغاندا ئۆپكە پۈۋەكچىسى، كۆكرەك قەپىزى، قوساقتىكى ئەزالار ئۆز ئورنىغا قايتىپ ھاۋا چىقىرىلىدۇ. بۇ مۇسكۇللارنى نەپەس مۇسكۇللىرى دىيىلىدۇ.

    چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ياكى نەپەس ئېلىش قارشىلىق كۈچى ئاشقاندا يۇقىرىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپلا قالماستىن بەلكى قىيپاش مۇسكۇل، تۆش ئوقۇرەك ئەمچەكسىمان ئۆسۈك مۇسكۇل كۈچلۈك قىسقىرىش بىلەن يۇقىرى قىسىمدىكى قوۋۇرغا ۋە تۆش سۆڭەك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئالدى-ئارقا دىئامىتىرى بىلەن ئوڭ – سول دىئامىتىرى كېڭىيىپ ھاۋا سۈمۈرۈش ئاشىدۇ. نەپەس چىقىرىش قارشىلىق كۈچى ئاشقازندا ياكى چوڭقۇر نەپەس چىقارغان ۋاقىتتىكى پۈتۈن قوساق مۇسكۇلى ۋە قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى كۈچىيىدۇ. بۇ مۇسكۇللارنى ياردەمچى نەپەس مۇسكۇللىرى دىيىلىدۇ. ئۇلار نەپەس ھەرىكىتىنىڭ دىنامىكا مەنبىئى بولۇپ، زاپاس كۈچى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى دىنامىكا پەيدا قىلغۇچى يۈرەك مۇسكۇلىغا باراۋەر بولىدۇ.

 

ئىچكى كېسەللىكلەر
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

بۇ كىتاپ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشرى 5-قېتىملىق باسمىسىغا ئاساسەن 1986-يىل 11-ئاي تەرجىمە نەشىر قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت ئېلى ئەيسا، ئابدىقادىر قەييۇم، ئىلغار سابىت
تەرجىمە تەھرىرى: غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررىكتور: ئېلى روزى
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە – نەشىر قىلدى

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-03 / 08:15:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ