نېرۋا بۆلۈمى نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى ياكى نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە داۋالايدىغان مەخسۇس بۆلۈم. نېرۋا سىستېمىسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ( چوڭ مېڭە ۋە يىلىك ) ۋە ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ سېزىمى، ھەرىكىتى، بىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاپتوماتىك فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىنى كونترول قىلىدۇ. نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بۇ سىستېمىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەرگە، يەنى دائىم كۆرۈلىدىغان باش ئاغرىقىدىن مۇرەككەپ نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مولېكۇلا بىئولوگىيەسى، تەسۋىر ئىلمى ۋە نېرۋا ئېلېكتىر فىزىيولوگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى چۈشىنىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، نېرۋا بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Neurology Department
تۈركچە ئىسمى: Nöroloji bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 神经科, 神经内科, 神内科
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى داۋالايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان نېرۋا كېسەللىكلىرى:
مېڭە سەكتىسى : چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى تۇيۇقسىز پۇت – قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، گەپ – سۆز قىيىنلىشىش ۋە ئاڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پاركىنسون كېسىلى : بىر خىل نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ھەرىكىتى ئاستىلاش، تىترەش ۋە قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ.
تۇتقاقلىق كېسىلى : چوڭ مېڭىنىڭ بىنورمال زەرەت قويۇپ بېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەكرار قوزغىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، قىسقا ۋاقىتلىق ئەس – ھوشىنى يوقىتىش، تارتىشىش ياكى سېزىمىنىڭ بىنورماللىقى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشىش كېسىلى : بىر خىل ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى نېرۋا تالالىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەرىكەت قىلىش قىيىن بولۇش ۋە چارچاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش : دائىم كۆرۈلىدىغان باش ئاغرىش تىپى بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە نۇر ياكى ئاۋازغا سەزگۈر كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
ئالزېيمېر (ئالجىمىر) كېسىلى : ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋەڭلىك تىپى بولۇپ، ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۈندىلىك ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە يوقىتىدۇ.
ئەتراپ نېرۋىلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى : ئەتراپ نېرۋىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، پۇت قول ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش ياكى ماغدۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە دىيابېت قاتارلىق سىستېمىلىق كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
باشقا كېسەللىكلەر…
قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۈچۈن نېرۋا بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟
تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى نېرۋا سىستېمىسىدا مەسىلە بارلىقىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن، شۇڭا نېرۋا بۆلۈمىگە كېسەل كۆرسىتىشنى ئويلىشىش كېرەك:
سىجىل ياكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان باش ئاغرىش : بولۇپمۇ كۆرۈش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى ئېڭى ئۆزگىرىش ئەگىشىپ كەلگەن قاتتىق باش ئاغرىش.
تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى : ھەر قانداق شەكىلدىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى باھالىشى كېرەك، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم قوزغىلىش ياكى كونترول قىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى.
تۇيۇقسىز كۆرۈش سېزىمى ياكى تىل توسالغۇسى : مەسىلەن، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىش، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك بولۇش ياكى سۆزلەش قىيىن بولۇش مېڭە سەكتىسىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پۇت – قوللار ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئۇيۇشۇش : بولۇپمۇ بىر تەرەپتىكى پۇت – قوللار مېڭە قان تومۇر تاسادىپىيلىقى ياكى باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش : بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەستە تۇتۇش مەسىلىسى دېۋەڭلىك كېسىلى ياكى ئالزېيمېر كېسىلىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئايلىنىپ كېتىش ياكى ئېسىنى يوقىتىش : تۇتقاقلىق، يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق سەۋەبلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.
ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش : مەسىلەن، تىترەش، ھەرىكىتى ئاستىلاش ياكى قىياپىتى مۇقىم بولماسلىق پاركىنسون كېسىلى ياكى باشقا نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
باشقا ئالاقىدار ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەر…
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيە دوختۇرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش : كېسەللىك تارىخى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، بىمارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكىنىڭ تىپىنى بېكىتىش كېرەك.
خاسلاشتۇرۇلغان داۋالاش لايىھەسى : بىمارغا ماس كېلىدىغان داۋالاش پىلانى تۈزۈش، دورا بىلەن داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ۋە زىيارەت قىلىش : ئاستا خاراكتېرلىك نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى بىمارلىرىنى پاركىنسون كېسىلى، تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىق ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك.
نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش : زۆرۈر بولغان نېرۋا تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ( مەسىلەن:MRI ،CT )، ئېلېكتروفىزىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ( مەسىلەن:EEG، نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرىتىنى ئۆلچەش ) ھەمدە مېڭە سۇيۇقلۇقىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جىددىي داۋالاش كېسەللىك تونۇشتۇرۇش
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جىددىي داۋالاش بۆلۈمى ئاساسلىقى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھەمدە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئۆتكۈر مېڭە سەكتىسى : تېز دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئارقىلىق مېڭىنىڭ يەنىمۇ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇ قان نوكچىسىنى ئېرىتىپ داۋالاش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇتقاقلىقنىڭ داۋاملىشىش ھالىتى : تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالمايدۇ، جىددىي دورا بىلەن ئارىلىشىپ، مېڭىنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۆتكۈر يىلىك زەخىملىنىش : ئەگەر يىلىك بېسىلسا ياكى ئۈزۈلۈپ كەتسە، پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا تېز سۈرئەتتە دىئاگنوز قويۇش ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئۆتكۈر مېڭە ياللۇغى : ئادەتتە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
باش ئىچى قاناش : تاشقى يارا ياكى يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىگە قان چۈشۈش، تېز سۈرئەتتە يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.
يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە باھالانغاندىن كېيىن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشىلىدۇ.
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تارىخى ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئاتىسى
نېرۋا بۆلۈمى بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىياتىنى 19 – ئەسىردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ژان – مارتىن شاك ( Jean – Martin Charcot ) «ھازىرقى زامان نېرۋا ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ فرانسىيىلىك مەشھۇر نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىمى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈرگە ئايرىشقا ئىجادىي تۆھپە قوشقان. ئۇ پاركىنسون كېسىلى، كۆپ قوزغىلىشچان قېتىشىش كېسىلى ۋە ئىستېرىيە كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن ھەمدە نېرۋا بۆلۈمىنى تېببىي مەخسۇس بۆلۈمنىڭ ئاساسى قىلغان.
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دائىم ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئادەتتە تۆۋەندىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويىدۇ ۋە كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ:
ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ( EEG ) : چوڭ مېڭىنىڭ توك پائالىيىتىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، تۇتقاقلىق كېسىلى ۋە باشقا چوڭ مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشقا دىئاگنوز قويۇشقا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.
ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ( MRI ) : تەپسىلىي چوڭ مېڭە ۋە يىلىك سۈرىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆسمە، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يىلىك غىلىپى ئاجراپ كېتىش كېسەللىك ئۆزگىرىشى ( مەسىلەن:كۆپ قوزغىلىشچان قېتىشىش كېسىلى ) نى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېردا ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ( CT ) : ئاساسلىقى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن، مېڭىگە قان چۈشۈش، مېڭە سەكتىسى ۋە باش قىسمى زەخىملىنىش.
نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەش : ئەتراپ نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى باھالاش ئەتراپ نېرۋىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە دىئاگنوز قويۇشقا پايدىلىق.
بەل ئومۇرتقىسىنى پۇنكىسىيە قىلىش : مېڭە سۇيۇقلۇقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، مېڭە پەردە ياللۇغى )، قاناش ياكى باشقا نېرۋا سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
باشقا تەكشۈرۈشلەر…
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش
نېرۋا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش نېرۋا بۆلۈمى پەرۋىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بىمارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى ياكى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىدار توسالغۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئادەتتە فىزىكىلىق داۋالاش، كەسپىي داۋالاش ۋە تىل ئارقىلىق داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
فىزىكىلىق داۋالاش : ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەڭپۇڭلۇق ۋە مېڭىش ھالىتىنى ياخشىلايدۇ.
كەسپىي داۋالاش : كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەسىلەن، كىيىم كىيىش، تاماق يېيىش قاتارلىقلار.
تىل بىلەن داۋالاش : نېرۋا زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تىل ۋە يۇتۇش قىيىنلىشىشقا قارىتا، بىمارنىڭ تىل ئىقتىدارى ۋە نورمال يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش لايىھەسى تۈزۈلىدۇ، نىشانى بىمارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش.
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىلەن كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى
نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالىشى ئادەتتە كۆپ خىل پەنلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج. بۇ خىل ھەمكارلىق كۆپلىگەن مەخسۇس بۆلۈمدىكى دوختۇر ۋە كەسپىي خادىملارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بىمارلارنىڭ پۈتكۈل داۋالاش جەريانىدا ئەڭ مۇۋاپىق دىياگنوز ۋە داۋالاش لايىھەسىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تىپىك كۆپ پەنلىك كوللېكتىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
نېرۋا تاشقى بۆلۈمى : ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن، مېڭە ئۆسمىسى ياكى ئېغىر يىلىك زەخىملىنىش.
پىسخىكا بۆلۈمى : نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پىسخىكا ۋە ھېسسىيات مەسىلىلىرىنى باشقۇرىدۇ، مەسىلەن، خامۇشلۇق كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى.
سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى : فىزىكىلىق، كەسپىي ۋە تىل بىلەن داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇپ، بىمارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
رېنتگېن بۆلۈمى : تەسۋىر ئىلمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن MRI ياكى CT تەسۋىر كۆچۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش ۋە ئىز قوغلاپ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆپ پەنلەر ھەمكارلىقى داۋالاشنىڭ ئومۇميۈزلۈكلىكى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىمارلارنى ئەڭ ياخشى داۋالاش پەرۋىشى بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بىر قانچە نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى
تۆۋەندىكىسى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىر قانچە داڭلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى:
مايو ئامبولاتورىيەسى ( Mayo Clinic ، ئامېرىكىدا ) : نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەھەتتە شۆھرەت قازانغان ، بولۇپمۇ تۇتقاقلىق كېسىلى ،پاركىنسون كېسىلى ۋە كۆپ قوزغىلىشچان قېتىشىش كېسىلىنى داۋالاشتا.
كىلىۋېلاند ئامبولاتورىيەسى ( Cleveland Clinic ، ئامېرىكا ) : مەزكۇر ئامبۇلاتورىيىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەرلەردىن بىرى دەپ قارالغان بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كۆپ خىل پەنلەر بويىچە داۋالاش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتقا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
جون خوپكىنس دوختۇرخانىسى ( Johns Hopkins Hospital ،ئامېرىكا ) : يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە كەڭ تەتقىقات تۈرى بىلەن داڭلىق ،بولۇپمۇ نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە مېڭە ئۆسمىسى ساھەسىدە.
چارلېس دوختۇرخانىسى ( Charit – Universit tsmedizin Berlin، گېرمانىيە ) : ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ دوختۇرخانىلار نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە داۋالاش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، يەنە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش جەھەتتە نېرۋا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە