تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بەلكىم ئانچە نەزەرگە ئېلىنمايدىغان كىچىك كېسەل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئاسانلا سەل قارىلىدىغان كىچىك كېسەل سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
يېقىندا بىر ئايال چېچىنى يۇغاندا قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن، قۇلاق قىچىشىش، قىزىش، قۇلاق غوڭۇلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە داۋالاشنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبىدىن قۇلاق مەنبەلىك مېڭە يىرىڭلىق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: قۇلاقتىن يىرىڭ ئاققاندا بىپەرۋالىق قىلسا ھەم ئۇزۇن مۇددەت كەينىگە سۆرەپ داۋالانمىسا ئاسانلا چوڭ كېسەلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ۋاڭ خۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى تيەن جۈن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ۋاڭ خۇڭ ئىككى-ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئوڭ قۇلىقى ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى سەۋەبىدىن ناغرا خالتىسى تېشىلىپ كەتكەن ئىكەن. يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇ چېچىنى يۇغاندا قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن، قۇلاق قىچىشىش، قىزىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋاڭ خۇڭ پەقەت ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كونا كېسىەل دەپ ھېس قىلىپ، خالىغان بىر دورىخانىدىن دورا سۇيۇقلۇقى سېتىۋېلىپ قۇلاققا پۈركىگەن ھەم كېسەللىك ئالامىتىمۇ سەل پەسەيگەن، ئەمما 10 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى يەنە قايتىدىن قوزغالغان.
يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بۇ كېسەل 7 – 8 قېتىم قوزغالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ئېغىرلىشىپ دائىم يىرىڭ ئاقىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ئېقىشقا باشلىغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ۋاڭ خانىمنىڭ بېشى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قۇسۇپ كەتكەن بولۇپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاڭ خۇڭنىڭ مېڭىسىدە دىيامېتىرى ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان يىرىڭلىق ئىششىق بارلىقى ئېنىقلانغان، ئەمما يېرىم ئاي داۋالىغاندىن كېيىن ۋاڭ خۇڭنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمايلا قالماي، يەنە تەدرىجىي ئېغىرلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ، يەنە يېرىم ئاي داۋالانغان بولسىمۇ، يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىغان. 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋاڭ خۇڭنى گۇاڭدۇڭ سەنجيۇ مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان.
نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى 2-بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن تاۋ بىمارنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 4-ئاينىڭ بېشىدا ئىككى قېتىم يادرو ماگنېتىك رېزونانسىدا تەكشۈرگەن قەغىزىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، كېسەللىك ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك چوڭايغانلىقىنى بايقىغان، بۇ يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئەگەر قۇلاق مەنبەلىك مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى ئۈزۈكسىز يوغىناپ مېڭىۋەرسە، ھەر ۋاقىت باش ئىچى كەڭ دائىرىلىك يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ، ھوشسىزلىنىش ۋە ئاڭ توسالغۇسى پەيدا قىلاتتى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىدى.
ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ھەم ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، بولۇپمۇ يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، چوقۇم بالدۇرراق داۋالىتىش كېرەك. يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا يەنە باش ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، چوقۇم ۋاقتىدا نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17753672.shtml
ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى
Otitis media
中耳炎
قۇلاق مەنبەلىك مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى
otogenic brain abscess
耳源性脑脓肿
رەسىم مەنبەسى Image source
https://radiopaedia.org/cases/otogenic-brain-abscess-1
copyrights belong to radiopaedia.org