O ئو قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى رەسىملىك كۆرۈنۈشى
قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستى ئۈستىدە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن ھەرخىل تىپتىكى ۋە شەكىلدىكى ئانتىگېنلەر antigen لەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى قان تىپىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان قان تىپى بولىدۇ.
غەرىپ مېدىتسىناسىدا كۆپپىنچە ئەھۋاللارداا ئىككى چوڭ قان تىپى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. بۇلار ABO قان تىپى سىستېمىسى ۋە Rh قان تىپى سىستېمىسى. مەسىلەن سىزنىڭ قان تىپىڭىز :
AB Rh+
بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئىككى سىستېمىدىكى قانلار تۆۋەندىكىچە، سىزنىڭ قان تىپىڭىز مۇشۇلارنىڭ بىرى.
A+, A-, B+, B-, O+, O-, AB+, AB-
رەسىمدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستلىقىدا ھىچقانداق ئانتىگېن يوق. شۇڭلاشقا قان پىلازماسىدا ، ئا A تىپلىق قانغا ۋە ب B تىپلىق قانغا قارشى، كۆك رەڭلىك رەگەتكە شەكىلدىكى ئانتىبادى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
ئو O قان تىپى بولغان كىشىلەرگە باشقا تىپتىكى قانلارنى سالغاندا، ئۇ باشقا تىپتىكى قانلار ئو قان ئىچىدىكى ئانتىبادىلەر بىلەن ئۇيۇشالماي، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئېرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنى قان ماسلاشماسلىق دەيمىز.
خەلق تىلىمىزدىكى قان تىپى بىلەن قان گۇرۇپپىسى نورمالدا بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
قان تىپى سىستېمىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.