1. ئىچكى كېسەللىكنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
ئىچكى كېسەللىكنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ۋە توغرا ئۇسۇلى – نەزىرىيىسىنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ باغلاشتۇر. ئەمەلىيەت بولسا نەزىرىينىڭ ئاساسى، نەزىرىيە بولسا، ئەمەلىيەتنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىچكى كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ھەرقايسى كېسەللىكلەرنى فىزىئولوگىيە پاتولوگخيە، فارماكولوگىيە قاتارلىق ئاساسىي پەنلەرنىڭ نەەرىيىلىرى بىلەن باغلاش، دىئاگنوستىكىنىڭ نەزىيىسى ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى بىلەن باغلاش، شۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغۇچىنىڭ كلىنىكىلىق ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم. مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئۆزلىكىدىن چوڭقۇرلىشىپ، ئۆز رېتى بويىچە ئىچكىرلىگەندە، كېيىنكى كەڭ كلىنىكىلىق ئەمەلىيەت ۋە تەتقىقات ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ئورنىتىشقا بولىدۇ.
2. ئىچكى كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىشتىكى ئاساسىي تەلەپلەر:
ئىچكى كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە يېتىش لازىم:
1) توغرا بولغان كلىنىكىلىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىش: ماتېرىيالىستىك ئۇسۇل ئارقىلىق چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش ۋە كلىكىكدىكى دىئاگنوز قويۇش بىلەن ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەرەپتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر.
2) مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە كلىنىكىلىق خىزمەتلەرنى مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش، دىئاگنوز قويۇش داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، كېسەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھەمدە كېيىكى پەن-تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسىدۇر.
3) كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە توغرا دىئاگنوز قويالايدىغان بولۇش، توغرا دىئاگزنو قويۇش بولسا توغرا داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسىدۇر. بىر كېسەللىكنىڭ دىئاگنوزى ئەتراپلىق ھەم مۇكەممەل بولۇشى لازىم. بۇ كېسەللىك سەۋەبى دىئاگنوزى، پاتولوگىيىلىك دىئاگنوزى ، خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ دىئاگنوزى قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىئاگنوز قويۇش ئاساسىنى ئېگەللەش ئۈچۈن دىئاگنوز قويۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىشەنچلىك ھەمدە تولۇق بولغان كېسەللىك تارىخىنى يىغىشنى ، تولۇق، توغرا ھەمدە تەپسىلىي بەدەن تەكشۈرۈشنى، زكرۈر بولغان لابوراتورىيىلىك ۋە ئالاھىدە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن لوگىكا ۋە ئوبىيكتىپ رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان بىرلەشمە ھۆكۈم قىلغاندا ئاندىن توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
4) كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەرنى داۋالاش پىرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئېگەللىۋېلىش: داۋالاشتىكى ئومۇم بەدەنلىك كۆز قارىشى بىلەن ئايرىمىلىق پىرىنسىپىنى ئالاھىدە تەكىتپەل چەكلىك دائىرىلىك كۆز قارىشى ۋە نوقۇل دورا كۆز قارىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئادەتتىكى پرىنسىپ ئاساسىي كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكى مەسىلەن: روھىي ھالىتى، بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە باشقا كونكىرىتنى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىجراق ىلىشقا بولىدىغان داۋالاش پىلانى تۈزۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
5) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەننىي بىلىملەرنى ئېگەللىۋېلىش: كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەل پەيدا قىلىش مىخاينىزىمى ھەققىدە ئوموميۈزلۈك پەننىي تونۇشقا ئېگە بولۇپ، ھەرقايسى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ۋە پەيدا بولۇش مىخاينىزىمىغا قارىتا مۇناسىپ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئىچكى كېسەللىكلەر
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
بۇ كىتاپ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشرى 5-قېتىملىق باسمىسىغا ئاساسەن 1986-يىل 11-ئاي تەرجىمە نەشىر قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت ئېلى ئەيسا، ئابدىقادىر قەييۇم، ئىلغار سابىت
تەرجىمە تەھرىرى: غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررىكتور: ئېلى روزى
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە – نەشىر قىلدى
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)