ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى

ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار تويدىن كىيىن تۇغۇتقا كەلگەندە ، زادى تۆرەلمىنىڭ جىنسىي پەرقىنى ئالدىنئالا بىلگىلى بولىدىغان ئىشەنچلىك بىر چارىسى بارمۇ، بىر قېتىمدىلا ئوغۇل تۇغۇش ياكى قىز تۇغۇشنىڭ زادى ياخشى بىر ئۇسۇل-چارىسى بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە بەك باش قاتۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىببى ئىلىم ساھەسىدە تۆرەلمىنىڭ جىنس مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ياپۇنيىدىكى زاۋداۋتىيەن ئۇنۋېرسىتىتېنىڭ پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنت كۆرۈشتە ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئالاھىدە ئۇسسۇلنى تېپىپ چىقتى.

ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى

ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق بولىدۇ. ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ ، ھەركەتچان كىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىشقارلىق شارائىتتا تېخىمۇ تېتىكلىشىپ ، ھەركەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ؛ << X>> لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى چوڭراق ، ھەركىتى ئاستىراق بولۇپ ، كىسلاتاغا مايىل شارائىتتا ھەركەتلىنىشى تېزلىشىدۇ. تيەنجۇڭ جيۇبىن يۇقۇردىكى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، قىز ياكى ئوغۇل يۈزى كۆرۈشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئېرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ << جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش>> ناملىق كىتابىدا سۆزلەنگەن يۇقۇرقى قاراشلارغا كىچىككىنە قىستۇرما قويۇپ ئۆتسەك ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك!

قۇرئان كەرىمدە

<< تۆكۈلگەن مەنىدىن ئەركەك -چېشى ئىككى جىنسنى ياراتتۇق>> دېگەن ، نەجىم سۈرىسى 45-46- ئايەتلەردىكى << مەنىدىكى ئەركەك-چېشى >> دەل پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق دېگەن تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان قاراشتۇر.

يەنە ھەدىس شەرىفتە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ << ئەر-ئايال تۆشەكتە بىللە بولغاندا مۇزەككەر (ئەرلىك ئۇرۇق) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر مۇئەننەس ( ئاياللىق ئۇرۇق ) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا ئانىسىغا ئوخشايدۇ. -سەھىھۇل بۇخارى.

( مەن كۆرگەن ھەدىسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇشۇنداق ئىدى. ۋاللاھۇ ئەئلەم) بۇ ھەدىس شەرىپتىكى مەزمۇن دەل <<ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە <> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ.>> دېگەننى تەھقىقلەيدۇ.
شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ياپۇنيىلىك پروفېسورنىڭ <<ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى >> ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن چۈچۈپ كەتمەي ئىلمىي ھالدا چۈشۈنۈپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1. ئوغۇل تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى:

1) ئايال ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئەر كىشى گۆش ، بىلىق قاتارلىق كۈچلۈك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىشى، ئايالى ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈنگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ تۇرىشى لازىم. ئەگەر ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزراق ياكى مەنى (سپېرمىسى) ئاز بولسا ، ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ تاكى 15-كۈنىگە قەدەر، ئەر جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ، مەنىنى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى ( ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن ھالۋايى بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، مەجۈنى سۆئىلەپ…قاتارلىق دورىلار بولىدۇ ) ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

2) ئايال ھەيز كەلگەن كۈندىن باشلاپ گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەي، كۆپۈنچە تاتلىق تاماقلارنى يېيىشى، 10-كۈنىگىچە ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماي، 11-كۈنىدىن باشلاپ جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلىشى لازىم. مۇناسىۋەت قىلىشنى ئالدىدا بىر لىتىر مۇزلىتىلغان قايناقسۇغا ( ئوتتۇرا ھېسابتا تۆت پىيالە بولسا بولىدۇ) ئىككى قوشۇق سودا سېلىپ ، تامامەن ئىرىپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ سۇ بىلەن ئۆز جىنسىي يولىنى يۇيىشى كېرەك. سۇ جىنسىي يول ئىچىگە كىرىپ جىنسىي يولىنىڭ ئىچى ئىشقارلىنىشى لازىم. مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كېچە مۇناسىۋەتتە بولماقلىقى لازىمدۇر.

2. قىز تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى

1) ئېرى ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ تا 15-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا كۆتاتلىق تائاملارنى يەپ ، گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەسلىكى لازىم.

2) ئايال بولغۇچى ھەيز باشلىنىپ بىرىنجى كۈنىدىن ھېسابلاپ 15-كۈنىگىچە گۆش ، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن كۆپلەپ ئوزۇقلىنىپ سەيلەرنى ئاز يېيىشى ( ئۇندىن باشقا لەڭپۇڭ، راڭپىزا، كالا گۆشلۈك ئۈگرە..دېگەندەك سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەردىنمۇ ساقلىنىشى زۆرۈر) كېرەك.

3) ئايال ھەيز كىلىپ، بىرىنجى كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ ، 11-كۈنىدىن باشلاپ ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.

جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئاق سېركىنى ( سىركە كىسلاتاسىنى) مۇزللىتىلغان بىر لىتىر قايناق سۇغا سىلىپ ، جىنسىي يولنى يۇيۇشى، سۇيۇقلۇق جىنسىي يول ئىچىگە كىرىشى لازىم

. شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي يولنىڭ ئىچىنى كىسلاتالىق خاراكتېرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
ئېرك سايرانى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان يۇقۇرقى ئۇسسۇللار تۈمەن مىڭلاپ تەجىرىبە قىلىش ئارقىسىدا ئىسپاتلانغان بولۇپ ، ئىشەنچلىك تەرىپى 90% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئانا بەدىنى ۋە تۆرەلمىگە ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

توغرىسىنى بىلگۈچى – تۆكۈلگەن مەنىدىن ئەركەك-چېشىنى ياراتقۇچى ، مەخلۇقلارنىڭ تەقدىرىنى ئالدىنئالا بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-21 / 09:07:15

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ