ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسراشقا دائىر خاتا قاراشلار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسراشقا دائىر خاتا قاراشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قاراش نۇرغۇن ھامىلىدارلار گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن، سىماب، ھورمۇن قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ ھامىلىگە ئەكس تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرەپ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەيدۇ

لېكىن مېدىتسىنادا كۆرسىتىلىشىچە، تېرە تۇقۇلما قۇرۇلمىسى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.بۇ ۋاقىت تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرە ئاسراشقا دائىر خاتا قاراشلار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ تېرە ئاسراس بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ قاراش. نۇرغۇن ھامىلىدارلار بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى بىخەتەر دەپ قارايدۇ، بۇ توغرا. لېكىن بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلىتسېرىن بولۇپ، ھامىلىدارلارنىڭ تېرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قاراش. بەزىلەر بىر خىل ماركىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنمۇ شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلىتىۋېرىدۇ ياكى تۇغۇپ قوپقاندىن كېيىن ئەمدى بالىغا ئەكس تەسىرى بولمايدۇ دەپ قاراپ ئەسلىدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ بىر خىل خاتا قاراش. چۈنكى ئادەتتىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى ھورمۇن قاتارلىق خىمىيىلىك تەركىبلەر بالىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى كېرەك.

بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلەتكەن ياخشى دەپ قاراش. بەزى ھامىلىدارلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىللا تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش خاتا. بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم مەخسۇس ئىشلەنگەن يۈرۈشلۈك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:31:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ