ئومۇرتقا يېرىقى – مېڭە نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلىنىڭ بىر تۈرى ھېساپلىنىدۇ. ئومۇرتقا يېرىقى كۆپىنچە بەل ئومۇرتقىسى ۋە قۇيرۇق ئومۇرتقىسى ئەتراپىدا كۆرۈلىدۇ ۋە يېرىقنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارىتا، پۇلتىيىپ چىققان توقۇلمىنىڭ تۈرىگە قارىتا بىرقانچە تۈرگە بۆلۈمىدۇ. بۇ رەسىمدە تۇغما كېسەللىك ئومۇرتقا يېرىقى تۈرىلىرىنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى بېرىلگەن.
ئومۇرتقا يېرىقى تۈرىلىرى
spina bifida
ساغلام ئومۇرتقا
normal spine
يوشۇرۇن ئومۇرتقا يېرىقى
spina bifida occulta
隱形脊柱裂
يۇلۇن پەردىسى پۇلتىيىپ چىقىش
meningocele
脊髓膜膨出
يۇلۇن پۇلتىيىپ چىقىش
miyelomeningoselli
脊髓脊膜膨出
نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى: بۇ بىر خىل تۇغما كېسەللىك بولۇپ، يەنى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن نېرۋا نەيچىسى يېپىلىش جەرياندا بەزى قىسىملىرى تولۇق يېپىلماي ئوچۇق قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بوۋاقنىڭ مېڭە قىسمىدا ياكى ئومۇرتقا قىسمىدا تۇغما غەيرىلىك كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ. بۇ قىسىملاردىكى ئوچۇق قىلىشنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆرەلمە بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. بەك ئېغىر ئەھۋاللاردا بالا تۆرەلمە ۋاقىتتىلا چۈشۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى تۇغۇت جەريانىدا تۈگەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا تۇغۇلىدۇيۇ ئەمما ئۇزۇنغا بارماي ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىدۇ ۋەيا كېيىنكى ھاياتى ناھايىتى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.