ئومۇرتقا يېرىقى – مېڭە نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلىنىڭ بىر تۈرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ رەسىمدە تۇغما كېسەللىك ئومۇرتقا يېرىقى كېسىلىنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى بېرىلگەن.
ئومۇرتقا يېرىقى
spina bifida
نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك
Nöral tüp defekt
Neural tube defect(NTDs)
神经管缺陷
نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى: بۇ بىر خىل تۇغما كېسەللىك بولۇپ، يەنى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن نېرۋا نەيچىسى يېپىلىش جەرياندا بەزى قىسىملىرى تولۇق يېپىلماي ئوچۇق قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بوۋاقنىڭ مېڭە قىسمىدا ياكى ئومۇرتقا قىسمىدا تۇغما غەيرىلىك كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ. بۇ قىسىملاردىكى ئوچۇق قىلىشنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆرەلمە بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. بەك ئېغىر ئەھۋاللاردا بالا تۆرەلمە ۋاقىتتىلا چۈشۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى تۇغۇت جەريانىدا تۈگەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا تۇغۇلىدۇيۇ ئەمما ئۇزۇنغا بارماي ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىدۇ ۋەيا كېيىنكى ھاياتى ناھايىتى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئومۇرتقا يېرىقى
spina bifida
脊柱裂
ئومۇرتقا
vertebra
椎骨
مېڭە قاتتىق پەردىسى
dura mater
硬脑膜
يۇلۇن
spinal cord
脊髓
مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى
spinal fluid
脑脊液