ئۆپكە ياللۇغى: ئالامەتلىرى، سەۋەبلىرى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە
ئۆپكە ياللۇغى (Pneumonia) بىر ياكى ھەر ئىككى ئۆپكىدىكى ھاۋا پۈۋەكچىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكىدۇر. بۇ ياللۇغلىنىش ھاۋا پۈۋەكچىلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ياكى يىرىڭ بىلەن تولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۆتىلىش، قىزىش، تىترەش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆپكە ياللۇغىنى ھەر خىل مىكرو ئورگانىزملار، جۈملىدىن باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۇيغۇرچە / Uyghurche : ئۆپكە ياللۇغى
ئىنگىلىزچە / English : pneumonia
تۈركچە / Türkçe : zatürre
خەنزۇچە / 汉语 : 肺炎
بۇ كېسەللىك يېنىك دەرىجىدىن ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئېغىر دەرىجىگىچە ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى يۇقۇمنىڭ تۈرى، بىمارنىڭ يېشى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا باغلىق.
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تۈرلىرى
ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئۇلارنى ئادەتتە يۇقۇملىنىش ئورنى ۋە يۇقۇملىنىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
1. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار بويىچە تۈرلىنىشى:
باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى: بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى بولۇپ، ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى (Streptococcus pneumoniae) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبچى ھېسابلىنىدۇ. باشقا باكتېرىيەلەردىن تارقىلىشچان زۇكام قانخور تاياقچە باكتېرىيەسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بار.
ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى: زۇكام ۋىرۇسى، نەپەس يولى بىرىكمە ۋىرۇسى (RSV) ۋە باشقا ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۈرى ئادەتتە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
مىكوپلازما ئۆپكە ياللۇغى: بۇ تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئالامەتلىرى باشقا ئۆپكە ياللۇغىغا قارىغاندا يېنىكرەك بولىدۇ.
زەمبۇرۇغلۇق ئۆپكە ياللۇغى: بۇ تۈرى كۆپىنچە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىز ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بار كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ.
2. يۇقۇملانغان ئورۇنغا ئاساسەن تۈرلىنىشى:
دوختۇرخانىدىن يۇققان ئۆپكە ياللۇغى (HAP): باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈرى دورىغا چىداملىق باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغاچقا، تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
جامائەتتىن يۇققان ئۆپكە ياللۇغى (CAP): دوختۇرخانا ياكى باشقا ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، بىمارنىڭ يېشى ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قىزىش، تەرلەش ۋە تىترەش
- يۆتەل (قۇرۇق يۆتەل ياكى سېرىق بەلغەملىك يۆتەل بولۇشى مۇمكىن)
- نەپەس قىيىنلىشىش ياكى تېز نەپەس ئېلىش
- كۆكرەك قەپىسىنىڭ ئاغرىشى (نەپەس ئالغاندا ياكى يۆتەلگەندە كۈچىيىدۇ)
- ئاسان ھېرىپ قېلىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق
- كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش (بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا)
- ياشانغانلاردا روھىي ھالەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى ھۇشىنى يوقىتىشى.
خەتەرلىك ئامىللار
بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
يېشى: 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار.
سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: ئۆپكە توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكى (COPD)، زىققا، يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار.
ئاجىز ئىممۇنىتېت سىستېمىسى: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىۋاتقان راك بىمارلىرى ياكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارلار.
تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش ئۆپكىنىڭ تەبىئىي مۇداپىئە مېخانىزمىنى بۇزىدۇ.
دوختۇرخانىدا يېتىش: بولۇپمۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان بىمارلار.
دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش
دىئاگنوز قويۇش:
دوختۇر ئادەتتە كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بەدەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ستېتوسكوپ ئارقىلىق ئۆپكىنى ئاڭلاپ كۆرىدۇ. ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەر ئىشلىتىلىشى مۇمكىن:
كۆكرەك رېنتگېن نۇرى: ئۆپكىدىكى ياللۇغلىنىش ئورنى ۋە دائىرىسىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
قان تەكشۈرۈش: يۇقۇملىنىشنىڭ بار-يوقلۇقىنى ۋە تۈرىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
بەلغەم ئەۋرىشكىسى: يۆتەل بىلەن چىققان بەلغەمنى تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىكرو ئورگانىزمنى ئېنىقلايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپلىرى:
ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش ئۇنىڭ سەۋەبچىسىگە باغلىق:
باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى: ئادەتتە ئانتىبىئوتىكلار بىلەن داۋالىنىدۇ. دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا بولغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يىتەرلىك كۈن سانىدا تولۇق ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى: ئانتىبىئوتىكلار ۋىرۇسقا تەسىر قىلمايدۇ. داۋالاش ئاساسلىقى ئارام ئېلىش، يېتەرلىك سۇيۇقلۇق ئىچىش ۋە قىزىتما چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارمۇ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
ئاسراش ۋە پەرۋىش قىلىش: يېتەرلىك ئارام ئېلىش، كۆپ سۇ ئىچىش، يېنىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئالدىنى ئېلىش
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:
ۋاكسىنا ئەملىتىش: ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋاكسىنىسى ۋە يىللىق زۇكام ۋاكسىنىسى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.
قول تازىلىقى: قولنى دائىم سوپۇنلاپ يۇيۇش يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى.
تاماكا تاشلاش: تاماكا چېكىش ئۆپكە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش: دائىملىق چېنىقىش، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش ۋە يېتەرلىك ئۇخلاش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.
قىسقىسى، ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر، ئەمما داۋالىغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىك. ئەگەر سىزدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالىنىشنى باشلاش ئىنتايىن مۇھىم.


