ئەگەر ئۆزىڭىزدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىممىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالسىڭىز ، سەھىيە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەستىقلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتېلاسىنى تەكشۈرەلەيدىغان داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ
ئەگەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق (تەجرىبە جەزىملەشتۈرۈلۈپ) ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)ئانتېتېلاسى مۇسىبىي چىقىپ قالسا ، سىز ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولىسىز ، ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا ، پەقەت ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ، تېخى ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ئايلانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئەگەر تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) ئانتېتېلاسى مەنپىي چىقىپ قالسا سىزنىڭ ئەينى چاغدا “كۆزنەك مەزگىلى” دە تۇرۇۋاتقان ياكى تۇرىۋاتمىغانلىقىڭىزغا قاراش كېرەك.
ئەگەر سىز كۆزنەك مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىڭىز ، مەنپىي نەتىجە سىزنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئەگەر سىز يەنىلا “كۆزنەك مەزگىلى” ئىچىدە بولسىڭىز ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا “كۆزنەك مەزگىلى”دىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش بېقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر يەنى : مەنپىي چىقسا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ .