پاتولوگىيە بۆلۈمى ( Pathology Department ) مېدىتسىنانىڭ مۇھىم تارمىقى بولۇپ ،تەجرىبىخانا تېخنىكىسى ۋە مىكروسكوپتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق توقۇلما ،ھۈجەيرە ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى ئانالىز قىلىپ ،كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا مەسئۇل. پاتولوگىيە بۆلۈمى داۋالاش سىستېمىسىدا يادرولۇق رولغا ئىگە بولۇپ، كلىنىكا دوختۇرلىرىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا، داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ھەمدە كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. پاتولوگلار جانلىقلار ئەۋرىشكىسىنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىنى، جۈملىدىن راك كېسىلى، يۇقۇملىنىش، مېتابولىزم كېسەللىكى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى تېخىمۇ توغرا ۋە ئىنچىكە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەمدە بولىدۇ.
پاتولوگىيە بۆلۈمى كۆپ خىل تارماق مەخسۇس بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، توقۇلما پاتولوگىيىسى ( Histopathology )، ھۈجەيرە پاتولوگىيىسى ( Cytopathology ) ۋە مولېكۇلا پاتولوگىيىسى ( Molecular Pathology ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ساھەلەر دوختۇرلارنىڭ كېسەللىك مېخانىزمىنى چۈشىنىشىگە ئورتاق ياردەم بېرىپ، بىمارلارنى خاسلاشقان داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.,
ئۇيغۇرچە ئىسمى: پاتولوگىيە بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Pathology department
تۈركچە ئىسمى: Patoloji bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 病理科
پاتولوگىيە بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
پاتولوگىيە بۆلۈمى چېتىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
راك ( Cancer ) : پاتولوگىيە بۆلۈمى راك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . توقۇلمىلاردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاتولوگىيە دوختۇرى ئۆسمىنىڭ تىپىنى، دەرىجىسىنى ۋە مۇددەتكە بۆلۈشىنى بېكىتەلەيدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسىلى سۈت بېزى راكى ( Breast Cancer ) ، ئۆپكە راكى ( Lung Cancer ) ۋە تۈز ئۈچەي راكى ( Colorectal Cancer ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( Inflammatory Diseases ) : ھەر خىل تۈردىكى ياللۇغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ( Chronic Gastritis ) ۋە جىگەر ياللۇغى ( Hepatitis ). پاتولوگىيە بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ياللۇغنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېت كېسەللىكى ( Autoimmune Diseases ) : مەسىلەن سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ( Systemic Lupus Erythematosus ،SLE )، پاتالوگىيە بۆلۈمى قان ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( Infectious Diseases ) : پاتولوگلار كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئايرىش ۋە باھالاش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش تىپىنى بېكىتىدۇ، مەسىلەن تۇبېركۇليۇز ( Tuberculosis ) ۋە بەزگەك ( Malaria ).
باشقا كېسەللىك ئەھۋاللىرى….
قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە پاتولوگىيە بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشى كېرەك؟
ئادەتتە، پاتولوگىيە بۆلۈمى بىۋاستە بىمار قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بارمايدۇ. لېكىن بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، بىمار تۆۋەندىكى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن:
مونەك ۋە ئۆسمە : بەدەندە بىنورمال مونەك بايقالسا، پاتولوگىيە بۆلۈمى ئارقىلىق تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ ياكى يۇقۇملىنىش : ئادەتتىكى كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۇزاق مۇددەتلىك ياللۇغ ياكى يۇقۇملىنىشنى ئادەتتە پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
قان بىنورماللىقى : قان تەكشۈرۈشتە بىنورمال ھۈجەيرە ياكى كۆرسەتكۈچتە بىنورماللىق بايقالسا، قان كېسىلى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن، شۇڭا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاتولوگىيەلىك ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
باشقا كېسەللىك ئەھۋاللىرى
پاتولوگىيە بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيە مەسئۇلىيىتى
پاتولوگىيە بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى ئاساسلىقى پاتولوگىيە ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، باشقا بۆلۈملەرنىڭ دىئاگنوز قويۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
توقۇلمىلاردىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە پاتولوگىيەلىك ئانالىز قىلىش : ئوپېراتسىيە جەريانىدا ياكى باشقا بۆلۈملەردىن ئېلىنغان توقۇلما ئەۋرىشكىلىرىنى مىكروسكوپتا تەكشۈرۈپ، كېسەللىك بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش : سۇۋالمىلىق تەكشۈرۈش ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،مەسىلەن:بالىياتقۇ بوينىنى ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ( Pap Smear ) ، راك كېسىلى ياكى راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بالدۇر بايقاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مولېكۇلا پاتولوگىيەسى بويىچە تەكشۈرۈش : گېن تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىش، مەسىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ BRCA گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش.
ئوپېراتسىيە جەريانىدا توڭلىتىپ يالپاقلاپ تەكشۈرۈش : ئوپېراتسىيە جەريانىدا كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن توقۇلمىلارنى تېز سۈرئەتتە پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ كېسىپ ئېلىۋېتىشنىڭ تولۇق بولغان – بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
پاتولوگىيە بۆلۈمى تارىخى ۋە ئاساسچىلىرى
پاتولوگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى 91 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مىكروسكوپ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پاتولوگىيە تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل پەن بولۇپ شەكىللەنگەن. رۇدولف ۋىرشوۋ ( Rudolf Virchow ) «ھازىرقى زامان پاتولوگىيە ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇ ھۈجەيرە پاتولوگىيەسى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرە سەۋىيەسىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش دەپ قاراپ، ھازىرقى زامان پاتولوگىيەسىگە ئاساس سالغان.

ۋىرشوۋنىڭ تەتقىقاتى مېدىتسىنانىڭ كېسەلگە بولغان چۈشىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ سىستېمىلىق توقۇلما ۋە ھۈجەيرە ئانالىزى ئارقىلىق، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ۋە كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.
پاتولوگىيە بۆلۈمى دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
پاتولوگىيە بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ خىل بولۇپ، ھەر خىل توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
توقۇلمىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ( Biopsy ) : ئوپېراتسىيە قىلىش ياكى پۇنكىسىيە قىلىش ئارقىلىق بەدەندىن توقۇلما ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، مىكروسكوپتا ئانالىز قىلىپ، راك ياكى باشقا توقۇلمىلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە دىئاگنوز قويىدۇ.
ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ( Cytology Test ) : بالىياتقۇ بوينى سۇۋالمىسى ( Pap Smear ) ۋە كۆكرەك – قورساق سۈيىنى ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ( Cytology of Pleural and Ascitic Fluid ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، راك ھۈجەيرىلىرى ياكى يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىممۇنىتېتلىق توقۇلما بوياش ( Immunohistochemistry ،IHC ) : ئالاھىدە ئانتىتېلا بەلگىسى ئاقسىل بىلەن ئىپادىلىنىپ، راك تىپى ۋە ئۇنىڭ مولېكۇلا ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
مولېكۇلا پاتالوگىيەسى بويىچە تەكشۈرۈش ( Molecular Pathology Testing ) : گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە خىروموسومانىڭ بىنورماللىقىنى ئانالىز قىلىدۇ ،مەسىلەن:BRCA گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ۋە HER2 گېنىنى تەكشۈرۈش ،خاس داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
باشقا تەكشۈرۈشلەر…
پاتولوگىيە بۆلۈمى دائىم كۆرۈلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى
پاتولوگىيە بۆلۈمى ئۆزى بىۋاستە داۋالاش بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانالىز نەتىجىسى داۋالاش لايىھەسىگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. تۆۋەندىكىسى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋالاشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىسال:
راكنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشى ۋە دەۋرگە بۆلۈنۈشى : پاتولوگىيەلىك ئانالىز ئۆسمىنىڭ تىپىنى، دەرىجىگە ئايرىلىشى ۋە دەۋرگە بۆلۈنۈشىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق خىمىيەلىك داۋالاش، رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نىشانلىق داۋالاشنى تاللاش : مولېكۇلا پاتولوگىيەسى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇر نىشانلىق دورا ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ. مەسىلەن ،HER2 مۇسبەت بولغان سۈت بېزى راكى بىمارلىرى خېسەيتىڭ ( Herceptin ) نى ئىشلىتىشكە ماس كېلىشى مۇمكىن.
ئانتىبىئوتىكلارنى تاللاش : پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تىپىنى بېكىتىپ، دوختۇرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئانتىبىئوتىكلارنى تاللاپ داۋالىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
باشقا ئۇسۇللار ۋە تېخنىكىلار…
دۇنيادىكى داڭلىق پاتولوگىيە بۆلۈمى دوختۇرخانىلىرى
دۇنياغا داڭلىق بەزى دوختۇرخانىلار پاتولوگىيە ساھەسىدە خېلى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە:
مېئو ئامبولاتورىيەسى ( Mayo Clinic ،USA ) : ئەتراپلىق پاتولوگىيە مۇلازىمىتى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى مولېكۇلا پاتولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن داڭلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك دىئاگنوز قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كلېۋېلاند شىپاخانىسى ( Cleveland Clinic ،USA ) : ئۇنىڭ پاتولوگىيە بۆلۈمى راك كېسىلى پاتولوگىيەسى، ئىممۇنىتېت پاتولوگىيەسى ۋە مولېكۇلا دىئاگنوزى جەھەتتە داڭلىق.
جونس خوپكىنس دوختۇرخانىسى ( Johns Hopkins Hospital ،USA ) : پاتولوگىيە راك كېسىلى ۋە نېرۋا كېسىلى ئىلمى ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ راك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە.
پاتولوگىيە بۆلۈمى توغرىسىدا باشقا تونۇشتۇرۇلىشى
پاتولوگىيە بۆلۈمى مۇھىم كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى تىببىي يادرولۇق تارمىقى بولۇپلا قالماي، يەنە ھازىرقى زامان توغرا داۋالاشنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پاتولوگىيەنىڭ يەككە داۋالاش ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن مېدىتسىنا ساھەسىدىكى رولى كۈنسېرى مۇھىم بولماقتا.
( 1 ) رەقەملىك پاتولوگىيەنىڭ گۈللىنىشى
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ( AI ) ۋە رەقەملىك پاتولوگىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، پاتولوگىيە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە يىراق مۇساپىلىك دىئاگنوز قويۇش يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. رەقەملىك پاتولوگىيە ( Digital Pathology ) توقۇلمىلارنى يالپاقلاپ رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ، پاتولوگىيە دوختۇرلىرىنى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يىراق مۇساپىلىك زىيارەت قىلىش، كېسەللىك مىسالىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە تەھلىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ تېخنىكا دىئاگنوز قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، خاتا دىئاگنوز قويۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، بولۇپمۇ بايلىق چەكلىك رايونلاردا، ئۇ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.
( 2 ) كىلىنىكىلىق تەتقىقاتتىكى يادرولۇق رولى
پاتولوگلار كۈندىلىك دىياگنوز قويۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتتا مۇھىم قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، يېڭى دورىنى تەتقىقات قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ، كلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىش جەريانىدا، پاتولوگىيە بۆلۈمىنىڭ تەھلىلى تەتقىقاتچىلارنىڭ دورىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان توقۇلمىلارغا بولغان تەسىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. پاتولوگلار توقۇلما يالپاقلاش ۋە مولېكۇلا ئانالىزى ئارقىلىق، دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرىنى باھالاپ، مۇھىم كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
( 3 ) پاتولوگىيە بۆلۈمى ۋە ئاممىۋى سەھىيە
ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە پاتولوگىيە كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى پاتولوگىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، پاتولوگىيە بۆلۈمى كېسەللىكنىڭ تارقىلىش مېخانىزمى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا، پاتولوگلار بىمارنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ نەپەس يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، ۋاكسىنا ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، پاتولوگىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
پاتولوگىيە بۆلۈمىنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسىرى ئېشىپ ماقماقتا بولۇپ، ئۇ ھەر بىر بىمارنى توغرا دىئاگنوز ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مېدىتسىنا پەن – تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كلىنىكىلىق داۋالاشنى ياخشىلاش ۋە ئاممىۋى تازىلىقنى قوغداشتا كەڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە.