كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى ( XXY يىغىندى ئالامىتى ): سەۋەبى، ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ھەققىدە
XXY يىغىندى ئالامىتى، يەنى كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى (Klinefelter Syndrome)، ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل گېنېتىكىلىق كېسەللىك بولۇپ، بىمارلارنىڭ جىسمانىي ۋە نەسىللىنىش تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمۈر بويى ئۆزىدە بۇ كېسەللىك بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
1. قىسقا تونۇشتۇرۇلۇشى
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى ئەرلەرنىڭ ئادەتتىكى XY جىنسىي خروموسومىغا بىردىن ئارتۇق X خروموسومى قوشۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خروموسوم كېسەللىكىدۇر. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى XXY بولۇپ، بۇ ئارتۇق گېنېتىكىلىق ماتېرىيال ئۇرۇقداننىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا ۋە تېستوستېرون (ئەرلىك ھورمونى) ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەت ئەرلەرنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى، نەسىللىنىش (كۆپىيىش) ۋە بەزىدە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : XXY يىغىندى ئالامىتى، كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى، كلىنفەلتەر يىغىندى كېسەللىكلىرى ، كلىنفەلتەر ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى ، كلىنفەلتەر سېندرومى، كلاينفەلتەر سېندروم، كىلاين فېلتېر سېندرومى
ئىنگىلىزچە / English : XXY Syndrome ، Klinefelter Syndrome
تۈركچە / Türkçe : trisomi XXY, Klinfelter Sendromu,
خەنزۇچە / 汉语 : 47XXY症候群,克兰费尔特综合征, 次雄性症候群
2. سەۋەبى
بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئىرسىيەتلىك ئەمەس، بەلكى جىنسىي ھۈجەيرىلەر (ئىسپېرما ياكى تۇخۇم ھۈجەيرىسى) شەكىللىنىش جەريانىدىكى تاسادىپىي خاتالىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ «ئايرىلماسلىق ھادىسىسى» (nondisjunction) دەپ ئاتىلىدۇ.
-
خاتالىق يۈز بېرىش جەريانى: ھۈجەيرە بۆلۈنۈش جەريانىدا، جىنسىي خروموسوملار (X ۋە Y) نورمال ئايرىلالماي، بىر ئىسپېرما ياكى تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە ئارتۇق بىر X خروموسومى پەيدا بولىدۇ.
-
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى: بۇ تاسادىپىي ھادىسە بولۇپ، ئاتا-ئانىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكىتى ياكى سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئانىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى خەتەرنى ئازراق ئاشۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس.
3. تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى
بۇ يىغىندى ئالامىتى تۇنجى قېتىم 1942-يىلى ئامېرىكىلىق دوكتور ھاررى كلىنفەلتەر (Dr. Harry Klinefelter) ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن ماسساچۇسېتس دوختۇرخانىسىدا تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار بىر توپ ئەرلەر گۇرۇپپىسىدا كۆكرەكنىڭ چوڭىيىشى، بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى، كىچىك ئۇرۇقدان ۋە تۇغماسلىق قاتارلىق ئورتاق ئالامەتلەرنى بايقىغان. كېيىن 1959-يىلى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ ئارتۇق بىر X خروموسومى (XXY) ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

4. پاتوفىزىئولوگىيىسى
XXY خروموسوم قۇرۇلمىسىنىڭ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان بىۋاسىتە تەسىرى ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئارتۇق X خروموسومى ئۇرۇقداندىكى ئىككى مۇھىم ھۈجەيرىنىڭ ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ:
-
سېرتولى ھۈجەيرىلىرى (Sertoli cells): سەرتولى ھۈجەيرىلەر ئىسپېرما ئىشلەپچىقىرىشنى قوللايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىسپېرما سانىنىڭ ئازىيىشى (oligospermia) ياكى پۈتۈنلەي يوق بولۇشى (azoospermia) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-
لەيدىگ ھۈجەيرىلىرى (Leydig cells): بۇ ھۈجەيرىلەر تېستوستېرون يەنى ئەرلىك ھورمون ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمون مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرلىك ھورموننىڭ تۆۋەن بولۇشى كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىگە خاس بولغان نۇرغۇن جىسمانىي ئالامەتلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.
5. كىملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟ كۆرۈلۈش نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟
-
كىملەردە كۆرۈلىدۇ: بۇ كېسەللىك پەقەت ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ.
-
كۆرۈلۈش نىسبىتى: كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنسىي خروموسوم كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەن ھەر 500 دىن 1,000 غىچە تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ بىرىدە كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەردە ئالامەتلەر يېنىك بولغاچقا ياكى دىئاگنوز قويۇشقا سەل قارالغاچقا، نۇرغۇن بىمارلار ئۆمرىدە دىئاگنوز قويۇلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
6. ياشاش مۇددىتى، ھايات قېلىش مۇددىتى
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇددىتى ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. پەقەت قىسمەن بىمارلارنىڭ يېشى نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا ئازراق قىسقا بولۇشى مۇمكىن. ياشاش مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار داۋالاشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر (مەسىلەن، دىئابېت، يۈرەك كېسەللىكلىرى) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشى كونترول قىلىشتۇر.
7. تۈرلىرى
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىنىڭ بىر قانچە تۈرى بار:
-
كلاسسىك XXY تىپى: ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى (%80-90) بولۇپ، بەدەندىكى بارلىق ھۈجەيرىلەردە ئارتۇق بىر X خروموسومى بولىدۇ.
-
موزايك شەكىللىك تىپى (Mosaic KS, e.g., 46,XY / 47,XXY): نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. بەدەندىكى بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر نورمال (XY)، بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر نورمالسىز (XXY) بولىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكرەك بولۇپ، بەزىلىرىدە كۆپىيىش ئىقتىدارى ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ.
-
ئەگەشمە تىپى (e.g., 48,XXXY or 49,XXXXY): ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. X خروموسومىنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، جىسمانىي نۇقسانلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
8. كلىنىك ئالامەتلىرى
ئالامەتلەر ياش قورامىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ۋە كۆپىنچە يېنىك بولغاچقا، ئاسان بايقىلمايدۇ.
-
بوۋاقلىق ۋە بالىلىق دەۋرى:
-
مۇسكۇللىرى بوش بولۇش (Hypotonia).
-
ھەرىكەت تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشى (كېچىكىپ مېڭىش، ئۆمىلەش).
-
تىل تەرەققىياتىنىڭ كېچىكىشى، سۆزلەش قىيىنچىلىقى.
-
ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى (بولۇپمۇ ئوقۇش ۋە يېزىشتا).
-
تارتىنچاق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى تۆۋەن، جىمجىت مىجەزلىك بولۇش.
-
-
ئۆسمۈرلۈك دەۋرى (بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى):
-
بويىنىڭ ئوتتۇرىچە بويىدىن ئېگىز بولۇشى، پۇت-قوللىرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى.
-
كۆكرىكىنىڭ چوڭىيىشى (Gynecomastia).
-
يۈز ۋە بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى.
-
مۇسكۇللىرىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلماسلىقى.
-
ئۇرۇقداننىڭ كىچىك ۋە قاتتىق بولۇشى.
-
بالاغەتكە يېتىش جەريانىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ياكى كېچىكىشى.
-
-
قۇرامىغا يەتكەنلەر دەۋرى:
-
تۇغماسلىق (Infertility): بۇ كۆپىنچە بىمارلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىساپلىنىدۇ ۋە دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشتە مەزكۇر كېسەللىك بولغانلىقى بايقىلىدۇ.
-
جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەن بولۇشى .
-
جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشى .
-
ھارغىنلىق، ئېنېرگىيەنىڭ يېتىشمەسلىكى.
-
سۆڭەك شالاڭلىشىش خەتىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى .
-
9. قايسى كېسەللىكلەردىن ئايرىش كېرەك؟
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىنى تۆۋەندىكى كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك:
-
باشقا سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئەرلىك ھورمون تۆۋەنلەش: مەسىلەن، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئەرلىك ھورمون ئىشلپ چىقىرىلىشى تۆۋەنلەش.
-
مارفان يىغىندى ئالامىتى (Marfan Syndrome): بۇ كېسەللىكتە بىمارنىڭ بويى ئېگىز، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن بولىدۇ، ئەمما مارفان يىغىندى ئالامىتىدە يۈرەك ۋە كۆز نۇقسانلىرى ئاساسلىق ئالامەت ھېسابلىنىدۇ.
-
كالمان يىغىندى ئالامىتى (Kallmann Syndrome): بۇ كېسەللىكتىمۇ جىنسىي تەرەققىيات كەينىدە قالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۇراش سېزىمىنىڭ يوقلۇقىمۇ كۆرۈلىدۇ.
-
ئەڭ توغرا دىئاگنوزنى خروموسوم ئانالىزى (كارىئوتىپ) ئارقىلىق قويۇش كېرەك.
10. ئەگەشمە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىگە گىرىپتار بولغانلاردا بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ:
-
مېتابولىزم يىغىندى ئالامىتى: سېمىزلىك (بولۇپمۇ قورساق قىسمىدا)، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى قەنت ۋە ماينىڭ يۇقىرى بولۇشى.
-
2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى.
-
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى (Osteoporosis): ئەرلىك ھورموننىڭ تۆۋەن بولۇشى سۆڭەك زىچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
-
ئۆزبەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى (lupus)، رېماتىزم.
-
تومۇرلاردا قان ئۇيۇشۇش خەتىرى .
-
ئەرلەر كۆكرەك راكى: خەتەر ئادەتتىكى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرىراق، ئەمما ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن.
-
روھىي-پسىخىكىلىق مەسىلىلەر: تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلۈك ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قىيىنچىلىقى.
11. تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى
دىئاگنوز قويۇش ئادەتتە بىر قانچە قەدەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
-
كلىنىكىلىق باھالاش: دوختۇر يۇقىرىدىكى جىسمانىي ئالامەتلەر ۋە بىمارنىڭ تارىخىغا ئاساسەن گۇمانلىنىدۇ.
-
ھورمون تەكشۈرۈش (قان ئارقىلىق):
-
ئەرلىك ھورمون سەۋىيىسى (Testosterone): مىقدارى تۆۋەن ياكى نورمال دائىرىنىڭ تۆۋەن چېكىدە بولىدۇ.
-
تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلەتكۈچى ھورمون FSH ۋە سىرىق تەن ھاسىل بولۇشنى تېزلەتكۈچى ھورمون LH (Follicle-Stimulating Hormone and Luteinizing Hormone): مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. مېڭە ئۇرۇقداننى كۆپرەك ئىشلەشكە ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھورمونلار ئۆرلەيدۇ.
-
-
خروموسوم ئانالىزى (Karyotyping): بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى. قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىپ، ھۈجەيرىلەردىكى خروموسوملارنىڭ سانى ۋە قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈلىدۇ. نەتىجىدە 47,XXY ياكى باشقا تىپتىكى نورمالسىزلىق ئېنىقلىنىدۇ.
12. داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى
كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. داۋالاش كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى كېرەك:
-
ئەرلىك ھورمون تېستوستېرون ئورنىنى تولۇقلاش داۋالاش ئۇسۇلى (Testosterone Replacement Therapy – TRT): بۇ داۋالاشنىڭ ئاساسى. ئادەتتە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى:
-
مۇسكۇل كۈچى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.
-
يۈز ۋە بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
-
سۆڭەك زىچلىقىنى ياخشىلايدۇ.
-
كەيپىياتنى ۋە ئېنېرگىيەنى ئۆستۈرىدۇ.
-
جىنسىي ھەۋەسنى ياخشىلايدۇ.
-
-
كۆپىيىش ئىقتىدارىنى داۋالاش: گەرچە كۆپىنچە بىمارلار تۇغماس بولسىمۇ، ھازىرقى زامان تېخنىكىلىرى (مەسىلەن، ئۇرۇقداندىن ئىسپېرما ئېلىش (TESE) ۋە سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش (ICSI/IVF)) ئارقىلىق بەزى بىمارلارنىڭ بىئولوگىيەلىك پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
-
كۆكرەكنى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيەسى: ئېغىر دەرىجىدىكى كۆكرەك چوڭىيىشى (gynecomastia) ئۈچۈن قىلىنىدۇ.
-
قوللاش خاراكتېرلىك داۋالاش:
-
فىزىكىلىق داۋالاش: مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن.
-
تىل-سۆزلەش داۋالاش: بالىلاردىكى سۆزلەش قىيىنچىلىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن.
-
پسىخولوگىيەلىك مەسلىھەتچىلىك: ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تەشۋىشلىنىش ۋە چۈشكۈنلۈكنى داۋالاش ئۈچۈن.
-
13. ئاقىۋىتى
ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلۇپ، مۇۋاپىق داۋالاش ۋە پەرۋىش ئېلىپ بېرىلسا، كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ئۇلار نورمال ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، ئوقۇيالايدۇ، خىزمەت قىلالايدۇ ۋە تولۇق، مەنىلىك ھايات كەچۈرەلەيدۇ. مۇھىمى، ئۆز سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دائىم دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
ئائىلىگە تەۋسىيەلەر
-
بالدۇر دىئاگنوز قويۇش: ئەگەر بالىڭىزدا ئۆسۈپ يېتىلىشىدا كېچىكىش ياكى ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى كۆرۈلسە، دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.
-
قوللاشچان مۇھىت يارىتىش: ئائىلە ۋە مەكتەپتە ئۇلارغا ھېسسىيات جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىڭ.
-
مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىش: ئېندوكرىنولوگ يەنى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى دوختۇرلىرى (ھورمون كېسەللىكلىرى دوختۇرى)، پىسخولوگ، تىل داۋالىغۇچى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك داۋالاش گۇرۇپپىسى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدە بولۇڭ.
-
قوللاش گۇرۇپپىلىرى: ئوخشاش ئەھۋالدىكى باشقا ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە مەدەتتە بولۇڭ.
كۆپ ئۇچرايدىغان سوئال-جاۋابلار (FAQ)
سوئال: كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى مېنىڭ ياكى ئايالىمنىڭ خاتالىقىدىن بولغانمۇ؟
جاۋاب: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇ تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان گېنېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، ھېچكىمنىڭ خاتالىقى ئەمەس. شۇڭا بۇ سەۋەپتىن ھەمرىيىڭىزدىن خاپۇلاپ يۈرمەڭ.
سوئال: بۇ كېسەللىك جىنسىي يۆنىلىش ياكى جىنس كىملىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
جاۋاب: ياق. كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى جىسمانىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان خروموسوم كېسەللىكى. ئۇ بىمارنىڭ جىنسىي يۆنىلىشى (مەسىلەن، ھەمجىنسىبازلىق) ياكى جىنس كىملىكى (ئۆزىنى قايسى جىنستا بىلەلمەسلىك) بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
سوئال: كلىنفەلتەر يىغىندى ئالامىتى بار ئەرلەر پەرزەنتلىك بولالامدۇ؟
جاۋاب: كۆپىنچىسى تەبىئىي ھالدا تۇغماس بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى زامان تېببىي تېخنىكىلىرى (TESE-ICSI) ئارقىلىق، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىدىن ئىسپېرما تېپىپ، بىئولوگىيەلىك پەرزەنت كۆرۈش ئېھتىماللىقى بار.
سوئال: بۇ كېسەللىك ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر قىلامدۇ؟
جاۋاب: كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال دائىرىدە بولىدۇ. ئەمما بەزىلىرىدە تىل، ئوقۇش ۋە يېزىش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئېغىر دەرىجىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار چېكىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
خۇلاسە
كلىنفەلتەر (XXY) يىغىندى ئالامىتى ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا دىئاگنوز قويۇلماي قېلىۋاتقان بىر گېنېتىكىلىق كېسەللىكتۇر. گەرچە ئۇنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، تېستوستېرون بىلەن داۋالاش ۋە ئەتراپلىق كۈتۈنۈش ئارقىلىق، بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەر پۈتۈنلەي ساغلام، مول مەزمۇنلۇق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ كېسەللىك ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىجابىي پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشتۇر.