ئەيدىز ۋە ئاتا-ئانىلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولى بولىدۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغۇپ چوڭ قىلمىغى ئاسان ئەمەس ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغىچە نۇرغۇن تەربىيەنى بېرىدۇ ئوخشىمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئوخشىمىغان مىجەز-خارەكتېرغا ئىگە بولۇپ چوڭ بولىدۇ

شۇنداقلا، ھەممە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام ھەم بەختلىك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ساغلام ۋە بەختلىك ياشىيالمايۋاتقان پەرزەنتلەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇشى ئاتا-ئانىلارغا باغلىق بولىدۇ. دېمەك، ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بالىنى تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسىلا ھېساپ بولىۋەرمەيدۇ. بالىنى كۈچلۈك خارەكتېر، ئىسىل پەزىلەت بىلەن چوڭ قىلىش كېرەك. ئۈچ-تۆت كىلوگىرام تۇغۇلغان ئادەم بالىسى يىگىرمە يىللاردىن كىيىن ئېغىرلىقى يىگىرمە ھەسسە ئېشىپ چوڭ بولۇپ، قورامىغا يىتىپ قاتارغا قۇشۇلغاندىن كىيىن، كۈتمىگەن يەردىن يۇقۇملۇق ساقايماس ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالسا، بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

شۇڭا، ئادەملەرنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارەت خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەلدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم بالىسىنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىشتا ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەيدىزنى چۈشىنىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ياخشى ئىگەللەپ، بالىلىرىنى چوڭ قىلىش جەريانىدا ئۇلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى دائىملىق تەربىيەگە ئايلاندۇرۇپ، خۇددى قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭدۈرىۋېتىش كېرەك. بالىلارنىڭ ھاياتىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش ئىدىيە-نىيىتىگە بېقىپ مۇھىم سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ.

قانداق ئاتا-ئانىلار بولسا ئاساسەن شۇنداق بالىلار بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى بىلمىسە، بالىلىرىغىمۇ كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيە ھالىتىدە بۇ بىلىملەرنى سىڭدۈرۈپ بولالمايدۇ. شۇڭا، بالىلىرىنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بۇ ھاياتىدا بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنشتەك مۇھىم بىلىملەرنى بالدۇر بىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئۈنۋېرسال بىلىم ئىگەللىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللىگەن ھالدا چوڭ بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار مۇھىم قارىغان ئىشلارغا بالىلارمۇ مۇھىم دەپ قاراشقا ئادەتلىنىدىغان بولىدۇ.

يۇرتىمىزدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشىنى سەۋەپ-نەتىجىلىك ئويلانغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىگەنلىگىنىمۇ ئويلىماي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئادەتكە ئايلانغان ئاتا-ئانا تەربىيەسى پەرزەنتلەرگە خۇددى تاشقا مۇھۇر باسقاندەك چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا نېمىنى ئۆگەتسە بالىلىرىمۇ شۇنى ئۆگىنىپ چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلارنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى بىلەن قەدىر-قىممەت، غۇرۇر تەربىيەسى ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلاملىقنى قوغداشنى بىلمەيدىغان، غۇرۇر-قىممىتىنى ئاسراشنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلگە پۇتلىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلارغا قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ بولىدىغانلىقىدىنمۇ، ئاتا-ئانىلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئالاھىتەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

“بالىنىڭ ئېغىرىنى يەر كۆتىرىدۇ، رىسقىنى خۇدا بېرىدۇ” دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك بىلەن، بالىلار قورامىغا يېتىپ، مەيلى قانۇن، مەيلى ئەقىل، مەيلى ئەخلاق، مەيلى كېسەللىك جەھەتتىن بولسۇن، تالاپەتكە ئۇچراپ، ئاجىزلىققا دۇچار بولۇپ، يولدىن چىقىپ، دەرت-ئەلەمگە مۇپتىلا بولسا، ئاتا-ئانىلار پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. “نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن” دېگەن گەپ بار. شۇڭا، “سۇ كەلگىچە توغان سېلىپ”، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كىچىگىدىن باشلاپ، ئەيدىزدەك خەتەرلىك ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك.

قىسقىسى، ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئاساسەن ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئوخشاش دەرسلىك ئۆگىنىدۇ، ئوخشاش جەمىيەتتە ياشايدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىدىيە-ئەھۋالى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەپلىك مىجەز-خارەكتېرلىرى بىر-بىرسىگە ئوخشىمىغان ئادەمگە ئايلىنىپ چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە قېتىلىدۇ. دېمەك، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا تەربىيە بىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى تەربىيەلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك. چۈنكى، بالىلارنىڭ ياخشى-يامان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن مۇھىم مۇناسىۋىتى بولىدۇ. خەلى ئارىسىدىمۇ، “ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىگى چوڭ” دېگەن ماقال-تەمسىل كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى يېتەكچىلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىلگەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

يۇرتىمىزدا-خەلقىمىزدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ نىسبەتەن كۆپلىكىدىنمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەتراپلىق بولالمايۋاتلىقىنىمۇ ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:17:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ