كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىببىي ، ساغلاملىق، كېسەللىكلەر… تور بىكەتلەرنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى يېزىپ قويماقچى.
يېڭىلانغان ۋاقىت: 25.سىنتەبىر.2025
CHILD METRICS
تۈركىيە بالىلار ئىچكى ئاجراتما ۋە دىئابىت كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان بۇ تور بىكەت، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن تارتىپ قۇرامىغا يەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ساغلام ۋەيا كېسەل بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى باھالاش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپلىگەن تەكشۈرۈش سىناقلار قويۇلغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى دۇنيا ۋە تۈركىيە بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. تۈركىيەدىكى بالىلار دوختۇرلىرى ۋە بالىلار ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بۇ تور ببىكەتتىن پايدىلىنىپ تۇرماقتا.
OMIM®
ئىنسان گېنلىرى ۋە ئىرسىي كېسەللىكلەر كاتالوگ تور بېكىتى. گېن كېسەللىكلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بۇ تور بىكەتتىن مۇناسىۋەتلىك تونۇشتۇرۇلۇشلىرىنى تاپالايسىز.
يېڭىلانغان ۋاقىت: 12.ماي.2020
ۋورلدومېتېر Worldometer
ۋورلدومېتېر بارلىق سىتاتىسكا ھىسابلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بىكەت بولۇپ، تۆۋەندىكى ئادرىستا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى سىتاتسىكا قىلغان.
https://www.worldometers.info/coronavirus


