ئاياللار يۈز تېرىسىنىڭ ئاپئاق ، سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، شۇڭا خانىم – قىزلار تۈرلۈك پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ .
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، تېرە زىيانغا ئۇچراپ تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ھەم سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز :
* كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىگە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ 20 منۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، يۈز تېرىسى چىڭىپ سىلىقلىشىدۇ .
* كۈندە ئەتىگەندە يۈزىگە يېڭى سۈت سۈرۈپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىدۇ .
* كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە ، لىموننىڭ تەبىئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا تېرىنى ئاقارتىپ ، يۈزدىكى داغ ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ .
* ئالما ، تەرخەمەك پارچىلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرسە ، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
* مەرۋايىت تالقىنىدىن ھەر كۈنى 2–3 گرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت تالقىنىنى گلتسېرىن بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى سىلىق ، ئاق ، سۈزۈك بولىدۇ . چۈنكى مەرۋايتتا ئاقسىلغا تەۋە كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىۋرو ئېلېمىنتلار بولۇپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ياخشىلاپ ، تېرەھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .