ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى19-سوئال: ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى دوختۇرلار بىلەن قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش...

19-سوئال: ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى دوختۇرلار بىلەن قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، ساغلىقنى ساقلاش پونكىتى (ساغلىق ئوچىغى) دىكى ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇم بىلەن قانداق قىلسام ياخشى پاراڭلىشالايمەن؟ ھەر قېتىم بەكلا ئاز سۆزلىشىمىز، يا ماڭا تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويمايدۇ. تۈركىيەدىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمۇ يە؟ بۇ توغرىلىق ئاز تولا چۈشەنچە بېرەلەمسىز؟

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.

19-سوئال: ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى دوختۇرلار بىلەن قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

مەيلى تۈركىيەدىكى دوختۇر بولسۇن ۋەيا باشقى دۆلەتتىكى دوختۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولسۇن، مەنچە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى بىلىش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.

  1. تۈركچىنى بىلىش لازىم. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇش لازىم.
  2. ئەگەر بىمار تۈركچىسى ياخشى بولمىسا، تۈركچە ئۇقىدىغان بىرسىنى بىللە ئېلىپ بېرىش ۋەيا تۈركچە ئۇقىدىغان بىرسىگە تېلىفون قىلىپ تەرجىمە قىلدۇرۇش لازىم.
  3. ئەگەر تۈركچىسى ياخشى بولمىسا، بېرىشنىڭ ئالدىدا بەدەندىكى ئالامەتلەرنى، سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى ئالدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلىۋېلىشى لازىم.
  4. دوختۇر دورا يېزىپ بەرگەندە، باشقا بۆلۈم، باشقا دوختۇرخانا، باشقا دوختۇر تەۋسىيە قىلغاندا ئامال بار قەغەزگە يازدۇرۇۋېلىش لازىم. چۈنكى بىمار ئىشىكتىن چىقىپ ئۇنتۇپ قېلىش مۇمكىن.


بۇ مەزمونلارنى مەن تۆۋەندىكى ۋىدىئودا تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم. ۋاقتىڭىز چىقسا كۆرۈپ بېقىڭ.

سالامەت بولۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 04:25:14

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ