پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن كۈنلۈك ئۆيدە خىزمەت قىلىش ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئەنگىلىيىدىكى نۇرغۇن كارخانىلاردىكى تەخمىنەن 5000 خىزمەتچىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ھەر ھەپتىدە بەش كۈن يىراق مۇساپىلىك خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كېسەل بولىدىغان كۈن سانىنىڭ ئىشخانىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ئارىلاشما خىزمەت ئەندىزىسى-ئۆيدە تۇرۇش بىلەن ئىشقا بېرىپ كېلىشنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى-خىزمەتچىلەر ئەڭ خۇشال، ئەڭ ساغلام بولىدىكەن، شۇنداقلا خىزمەت قىلغاندىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەنگىلىيە ھاياتىي كۈچ ساغلاملىق سۇغۇرتا شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىچىدە %12 كىشى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، پۈتۈن ئىشخانىدىكىلەر ۋە ئارىلاشما ئەندىزىدىكى خىزمەتچىلەر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10 ۋە %8. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارىلاشما ئەندىزىدىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە، پەقەت %20 ئادەملا سەمرىپ كەتكەن، پۈتۈن كۈنلۈك ئائىلە خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ نىسبىتى %25، پۈتۈن كۈنلۈك ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ نىسبىتى %24 بولغان.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلارنىڭمۇ ئاسانلا بېلى تېلىپ ئاغرىيدۇ، بۇ بەلكىم كۈن بويى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن %87 ئائىلە خىزمەتچىلىرىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر خىل مۇسكۇل سۆڭەك مەسىلىسى بار، تولۇق ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئارىلاشما ئەندىزە خىزمەتچىلىرى ئىچىدە، بۇ نىسبەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 ۋە %78 بولغان.
ئارىلاشما ئەندىزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋاقتى ئەڭ ئاز بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى بەش كۈن بولىدىكەن، ئۆيدە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر يىلى كېسەل رۇخسىتى ئالىدىغان كۈن سانى 10 كۈن بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلاشما خىزمەت ئەندىزىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى:ب ۇ ئارىلاشما خىزمەت ئەندىزىسىنىڭ تېخىمۇ زور «جانلىقلىق ۋە كۆپ خىللىق» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇدا بەش كۈن ئوخشاش بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشتىن ئەنسىرىمەي، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئۆز خىزمىتىگە قارىتالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.