ياخشى ئۇيقۇ زادى قانچىلىك مۇھىم؟ ئۇيقۇنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان 10 چوڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سىرىنى يېشىش
ئەگەر بىرەرسى سىزگە بىر خاسىيەتلىك دورىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەقلىي قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ بۇ ئاڭلىماقتا يالغاندەك، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غىزا ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق چېنىقىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ۋە ساغلام تەڭپۇڭ غىزالىنىش كېرەكتەك بىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغان خاسىيەتلىك دورا بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ۋە كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىغا ئىگە. گەرچە ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقى مۇقەررەر بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى ئالدىنقى قاتارغا قويالمايدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى سىزىمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ دائىم كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.
ئامېرىكا «سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى» ئۇيقۇنىڭ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشتىكى ئون خىل ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ چىققان.
بەدەننىڭ ساقىيىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ
ئۇيقۇ بەدەننى ساقايتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بەدەننى كۈندۈزى 16 سائەت يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىل دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئۇنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشى ئۈچۈن، 16 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، بەدەنگە بېسىپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە داۋاملىق يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
مۇۋاپىق ئۇخلاش، ھەددىدىن زىيادە ھارغان بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئۇخلاش جەريانىدا، كۆپ قىسىم ئۆستۈرگۈچى ھورمونلار ھاسىل بولۇپ، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلار ئارام ئېلىشقا ، مۇسكۇللار بوشىشىشقا، ھەر بىر ھۈجەيرە ۋە ئەزا ئارام ئېلىشقا موھتاج، شۇڭا بولۇپمۇ كېچىلىك ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ئورۇننىڭ ئارام ئېلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق بىر تاللاش ھىساپلىنىدۇ.
كېسەل بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ
ئۇيقۇ ئەسلىدىنلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قوغداش ئامىلى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. كىشىلەر بەك كۆپ ياكى بەك ئاز ئۇخلىسا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە (مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابىت كېسىلى) گىرىپتار بولۇش ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى كۆپىيىدىكەن. ئەمما مۇۋاپىق بولغان ئۇيقۇ، بۇ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەرنى ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەن.
بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ
ئۇيقۇ ئىجادچانلىق ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدىكەن.
بىلىش ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، يەكۈنلەش، ئەستە ساقلاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، قارار چىقىرىش ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتەك پىسىخىكا ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بىلىش ئىقتىدارى مەركىزىنىڭ ئىقتىدار مەركىزى ئۇيقۇ مەزگىلىدە ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىپ قايتىدىن قوزغىلىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش كۈچىيىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئەستە ساقلاش ئۇزاق مۇددەتلىك ئەستە ساقلاشقا ئايلىنىدۇ. سۈپەتلىك ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئاسانلا ئۇنۇتقاق بولۇپ قالىدۇ.
بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ
يېتەرلىك ۋە سۈپەتلىك ئۇيقۇ كەيپىياتنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ مېڭىنىڭ جىددىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيدىكەن.
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق
ھېرىپ-چارچىغاندا قېنىپ ئۇخلىۋېلىش ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا ۋە ئارتۇقچە ماينى ئازايتىشقا پايدىلىق.
ئىككى خىل ھورمون كىشىلەرنىڭ نەپىسىنى كونترول قىلىدۇ: ئورۇقلۇق ھورمونى ۋە ئاچلىق ھورمونى. ئورۇقلۇق ھورمونى چوڭ مېڭىگە تويغانلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاچلىق ھورمونى قورساق ئاچقانلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، ئىككى خىل ھورموننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئاچلىق ھورمونى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئورۇقلۇق ھورمونى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا قورساق ئېچىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ
ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى نورمال ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ. ئۇيقۇ بەدەننىڭ ھۈجەيرە فاكتورىنى ھاسىل قىلىشى ۋە قويۇپ بېرىشىگە پايدىلىق، بۇ خىل ئاقسىل نىشانلىق يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشكە بولغان ئىنكاسى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
جەمئىيەت ئالاقە تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ
ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان كىشىلەر جەمئىيەتتىىكى ئىجتىمائىي ئالاقە قىلغاندا، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزى چۇس بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيقۇسى يېتەرلىك كىشىلەرنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ئۆتكۈر بولىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، مىجەزنى تېخىمۇ چىقىشقاق قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشكە پايدىلىق.
روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق
روھىي ساغلاملىق توسالغۇسى ئادەتتە ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى مەيۈسلۈك كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش روھىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىشتىن باشقا، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى يەنە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئاغرىققا بولغان سەزگۈرلۈكنى تۆۋەنلىتىدۇ
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاغرىقلارنىڭ كېچىلىك ۋە چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاغرىققا بولغان سەزگۈرلۈكى نورمال سەۋىيەگە قايتىدىكەن، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلارنىڭ ئاغرىق چەك قىممىتى تۆۋەنرەك بولىدىكەن. (يەنى ئاسانلا بەدەننىڭ بەزى قىسىملىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدىكەن.)
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
ئۇيقۇ ھەر جەھەتتىن ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ، بۇنداق بولغاندا كىشىلەر ئەڭ ياخشى ھالىتىنى نامايان قىلالايدۇ. مۇكەممەل بىلىش ئىقتىدارى، ياخشى بولغان كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارى ۋە كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىنى قوغلىشىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. سۈپەتلىك ئۇيقۇ مۇشۇ نۇقتىلارنى تەييارلارشنىڭ مۇھىم ئامىلىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
توغرا ۋاقىتتا ئۇخلىماسلىق تۈن بويى كىرپىك قاقمىغانغاباراۋەر
ئۇيقۇ ئىنسانلاردا كەم بولسا بولمايدىغان فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە، ئۇيقۇ ئادەم ھاياتىنىڭ 1/3 قىسىم ۋاقتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ سۈپىتى تەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دېمەك ئۇيقۇ ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
ئادەتتە، ھەر كۈنى كەچتە 8~6 سائەت ئۇخلاش، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا ئۇخلاپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئىنتايىن ياخشى بولغان ئۇيقۇ ئادىتى. ئەگەر كەچ سائەت 11دىن كېيىن ئۇخلىسا تۈن بويى كىرپىك قاقمىغانغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نورمال ئۇيقۇنىڭ قاتتىق ئۇيقۇ ۋە سۇس ئۇيقۇ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قاتتىق ئۇيقۇ يەنە «ئالتۇن ئۇيقۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. قاتتىق ئۇيقۇ ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى پەسەيتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى ئەڭ ياخشى ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. شۇڭا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى چوڭقۇر ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا.
ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ نورمال ھەرىكەت قانۇنىيىتى بولىدۇ، كۆپچىلىك تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇيقۇ سۇس ئۇيقۇ ھالىتىدىن قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتۈپ داۋاملاشمايدۇ، بەلكى بىردەم قاتتىق، بىر دەم سۇس ھالەتتە بولىدۇ، قاتتىق ۋە سۇس ئۇيقۇ ھالىتىگە يەنە تېز سۈرئەتتىكى كۆز ھەرىكىتى قوشۇلۇپ توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەردە بۇ ھالەت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىنۇتتا بىر ئالمىشىدۇ، ئەگەر ھەر كېچە سەككىز سائەت ئۇخلاش ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر كېچىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەخمىنەن 5~4 سائەت ئۇيقۇ دەۋرى بولىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ئالدىنقى يېرىم كېچىدە ئاستا دولقۇنلۇق ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تارقىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، يەنى بىز دەۋاتقان قاتتىق ئۇيقۇ ئەڭ كۆپ، ئۇيقۇ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا كەچ سائەت 11دىن سەھەر سائەت 3كىچە بولغان ۋاقىت دەم ئېلىش ۋە ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى.
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل كەچ سائەت 11دىن كېيىنمۇ ئۇخلىمىسا، كۈندۈزى روھى چۈشكۈنلىشىش، چارچاش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئېممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئاسان كېسەل بولۇش، سەمىرىش، دىيابىت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سالامەتلىك ئۈچۈن، كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇش كېرەك.
ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا، ئىمكانقەدەر ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، ۋاقتىدا ئۇخلاش كېرەك. بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇش ئالدىنقى كۈندىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنى ئىككىنچى كۈنى تېخىمۇ روھلۇق قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بەدىنىمىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە