تۈركىيە 2020 يىلى ئىككىنجى قېتىملىق دوختۇرلۇق ۋىراچ ئىمتىھانى TUS ۋە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى STS تۈنۈگۈن، يەنى 4-چىسلا ئېلىپ بېرىلدى.

دوختۇرلۇق ۋىراچ ئىمتىھانى TIPTA UZMANLIK SINAVI قىسقاتىلىپ TUS دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىمتىھان تۈركىيەدە خېلىلا داڭلىق ھەم ناھايىتى تەس ئىمتىھانلارنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىمتىھان يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمتىھاندا ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دۆۋلەت دوختۇرخانىلىرى، ۋە ئۇنىۋېرسىتىت دوختۇرخانىلارنىڭ بۆلۈملىرىگە ۋىراچ ياردەمچىسى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە 4-5 يىللىق ئىشلەش، ئۆگىنىش، تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق ۋىراچ بولۇپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ ئىمتىھان بىرىنجى ۋە ئەڭ چوڭ ئۆتكەل.
سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى SEVIYE TESPID SINAVI (قىسقارتىلمىسى: STS) نىڭ يەنە بىر ئىسمى DENKLIK SINAVI يەنى تەڭلەشتۈرۈش ئىمتىھانى، تۈركىيەدە ئېلىپ بىلىدىغان، تۈركىيە سىرتىدا ئوقۇپ دىپلوما ئالغان دوختۇرلارنىڭ دىپلومىسىنى تۈركىيەدە ئىناۋەتلىك قىلىش ئىمتىھانى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئىمتىھان ئىچىدىكى مەزمونلار ۋە ئېلىش ۋاقتى تۈركىيە ۋىراچلىق ئىمتىھانىغا ئوخشاش بولۇپ، تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلدى. ۋە تۈنۈگۈن ئاخشام ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ توغرا جاۋابلىرىÖSYM تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.
ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىگە ئىنشەنچىم كامىل. مەيلى بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈڭ ياكى ئۆتمەڭ، كېيىنكى ئىشلارغا ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ ئىككى ئىمتىھان توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەزمونلارنى مۇنبىرىمىزدىن، تور بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.