1) قالقانسىمان بەزدە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان قالقانسىمان بەز ھورمونلار:
T3, T4
قالقانسىمان بەز بەدىنىمىزگە مۇھىم بولغان T3, T4 ئىسىملىق ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ قالقانسىىمان بەز ھورمونلار T3, T4 بەدىنىڭىزدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىدۇ، بەدەننىڭ باشقا ھورمونلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ۋە تەلىپىنى تەڭشەيدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ، ئورگانلارنىڭ نورمال ئىش پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كونترول قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت قالقانسىمان بەز يەنە كالسىتونىن 降钙素 Calcitonin ئىسىملىق ھورمون ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇ قاندىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە كىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق سۆڭىكىڭىز چىڭىيىدۇ.
2) ھىپوفىز (مىڭە ئاستى بېزى) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان ھورمون:
TSH, thyroid stimulating hormone قالقانسىمان بەز غىدىقلىغۇچى ھورمون
قالقانسىمان بەز چىقارغان T3,T4ھورمونلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشىنى بىر تەرەپتىن يەنە ھىپوفىز (مېڭە ئاستى بېزى) كەلگەن قالقانسىمان بەز غىدىقلىغۇچى ھورمونى TSH دىگەن ھورمون كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.
3) مىڭە دۆڭچىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھورمون:
TRH, Thyroid releasing hormone قالقانسىمان بەز قويۇپ بەرگۈچى ھورمون
TSHنى ئۇنىڭدىن ئۈستى بولغان TRH يەنى مېڭە دۆڭچىسىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان قالقانسىمان بەز قويۇپ بېرىش ھورمونى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. بۇ ھورمون قاندا بەك قىسقا مۇددەت مەۋجۇد بولغاچقا، نورمالدا قان تەكشۈرۈشتە ئېنىق تەكشۈرۈپ چىقارغىلى بولمايدۇ.شۇڭا نورمالدا ئاز تىلغا ئېلىنىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
+1
+1
+1
+1
+1