ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرىئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى قانداق داۋالىنىدۇ ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى قانداق داۋالىنىدۇ ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 

بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى دىئاگنوزى قويۇلسا، قانداق داۋالىنىدۇ ھەم كېيىنكى تۇرمۇشتا قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بۇ كېسەللىكنى ئالدىنى ئېلىش ۋەيا داۋالىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تۇرمۇشقا قارىتا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈش لازىم.

  1. ياتقاندا باش قىسمىنى ئىگىزراق تۇتۇش لازىم.
  2. يېتىشتىن 3 سائەت بۇرۇن تاماق يىمەسلىك لازىم
  3. تاماقنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش ھەم ياغلىق تاماقلارنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش لازىم، كاۋاپنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك، شاكىلات، دارا دارمەنلىق، ئاچچىق چۈچۈك يىمكەلىكلەرنى ئازايتىش كېرەك.
  4. ھاراق تاماكا ناھايىتى زىيان قىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ھەم قەھۋەنى ئازايتىش لازىم
  5. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك.

دورا جەھەتتە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاندىكى كىسلاتانى ئازايتىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. بۇ دورىلارنى بايا دەپ ئۆتكەن ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىش ۋە قوللىنىش لازىم.

ناھايىتى ئېغىر ئەھۋاللاردا يەنى قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ھۈجەيرىلەر ئۆزگىرىپ ئۆسمە بولۇپ قالسا، ئوپىراتسىيە قىلىنىشىمۇ مۇمكىن.

بۇ كېسەللىك كۆپىنچە كىشىلەردە بولىدىغان بىر كېسەللىك. بۇنداق دىگەنلىك ۋاي ئەمىسە ئانچە مۇھىم ئەمەسكەن دىگەنلىك ئەمەس. چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىرى گەرچە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلماي 8-10 سوزۇلۇپ كەتسە، باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا بايا دەپ ئۆتكەن ئالامەتلەر بولسا چوقۇم بىر كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:50:16

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ