قان ئېلىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتەك مۆجىزىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئەمىلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى ، ئەگەر قان ئالغاندا ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان قاننى ئېلىپ قويساق بەخىتسىزلىكنى كە
شۇنىڭ ئۈچۈن قان ئالغاندا ۋە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،ئەيدىز ۋېروسىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى .دۆلىتىمىز بۇ جەھەتتە بەلگىلىمە چىقاردى . بارلىق دوختۇرخانىلار ئىشلەتكەن قان سۇيۇقلۇغى ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك . بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلش – داۋالاش ، سەھيە تارمالىرىنىڭ مەسئۇليىتى . شۇڭا ھەر بىر ئادەم بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم .
1) زۈرۈر بولمىغان قان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
2) ئەگەر قان ئېلىش زۈرۈر بولۇپ قالسا ،قان ئالغۇچى قاننىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىگىنى سۈرۈشتۈرۈشىكە ھوقوقلۇق .
3) ئاتالمىش << تاقابىل كۈچىنى ئاشۇرۇش >> ئۈچۈن قارغۇلارچە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
كىچىك تەۋسىيە : نىمە ئۈچۈن خالىس قان بېرىش تەشەببۇس قىلىندۇ ؟
قان ھاياتلىقتا بولمىسا ياكى كام بولسا بولمايدىغان بىر خىل مۇھىم ماددا ،نۇرغۇن بىمارلار قان ياكى قان سۇيۇقلىغىدىن ياسالغان بۇيۇملار ئارقىلىق ھاياتنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ .
قان سۇيۇقلۇقى سۈپىتىنىڭ لايەقەتلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ؟ مۇنتىزىم قان پونكىتلىرگە بېرىپ ، خالىسانە قان تەقدىم قىلىشقا مۇقتاج . مۇنتىزىم قان پونكىتلىرى بارلىق قان تەقدىم قىلىنغان قاننى تەكشۈرۈپ ، لاياقەتسىزلىرىنى بۇراككا چىقىردۇ . پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قان سۇيۇلىغى پاكىزە بولىدۇ . پاكىزە بىخەتەر قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . شۇ مەندىن ئېيتقاندا ، قان تەقدىم قىلغۇچىلار بىر قېتىم قان تەقدىم قىلسا بۇ قان ئىشلەتكۈچىگە بولغان قەلىب ئىزھارى بولۇپ قالماستىن بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلنى كونتىرول قىلىشقا بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان بولىدۇ .