ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان – يۇقۇملانمىغانلىققا ھۆكۈم قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەيدىزگە ئالاقىدار ئۇقۇم ۋە بەزى ساۋاتلارنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ
شۇنداقتىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللەر مەخسۇس دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويغۇزۇش لازىم.
خەتەرلىك ھەرىكەت دېگەن نېمە؟HIV (ئەيدىز ۋىرۇسى) ئاساسلىقى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ قان، مەنىي، جىنسىي يول ئاجراتما سۇيۇقلۇقى، ئېمۇلسىيە، جاراھەت ئېغىزى سىرغىما سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئالمىشىشىنى پەيدا قىلالايدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە HIVنى تارقىتىش ئېھتىماللىقى بار.
خەتەرلىك ھەرىكەت ئادەتتە بىخەتەرلىك قېپى ئىشلەتمىگەن جىنسىي مۇناسىۋەت، باشقىلار بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى بىللە ئىشلىتىپ زەھەر ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەتەرلىك ھەرىكىتى بار ئادەملەر خەتەرلىك كىشىلەر توپى، دەپ ئاتىلىدۇ. خەتەرلىك كىشىلەر توپى يوشۇرۇن پاھىشە، پاھىشىۋاز، ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ھەقلىق قان تەقدىم قىلغۇچىلار ھەم يۇقىرىدا دېيىلگەن كىشىلەر توپى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆزنەك مەزگىلى دېگەن نېمە؟ HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئورگانىزمدىكىHIV ئانتىتېلاسى تەدرىجىي مۇسبىي كۆرۈنىدۇ.
HIV بىلەن يۇقۇملىنىپ قاننى تەكشۈرۈپ HIV ئانتىتېلاسىنى ئېنىقلىغىلى بولىدىغان بولغىچە بولغان ۋاقىت ‹‹كۆزنەك مەزگىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆزنەك مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇققان HIVنىڭ كۆزنەك مەزگىلى نىسبىي ئۇزاقراق بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.