بىخەتەرلىك قاپچۇغى ئىشلەتكەندە ھەم ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، جىنسى كىسىلى ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ لىكىن ئۇنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك سۈپىتى ياخشى ، لاياقەتلىك قاپچۇقنى ئىشلەتكەندىلا ئاندى بىخەتەر بولىدۇ
بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك .
1) ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا قاپنىڭ ئۈسىتگە ماركىسى ، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك . بۇلار ئېنىق يېزىلمىغان بىخەتەرلىك قاپچۇغى لاياقەتسىز بولىشى مۇمكىن .
2) ۋاقتى ئۆتكەن بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى ئىشلتىشكە بولمايدۇ . رەڭگى ساغرىپ قالغان ياكى شىلىمشىق پەردىسى قېتىپ قالغان بىخەتەرلىك قاپچۇقنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ .
بىخەتەرلىك قاپچۇقنى قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟
1) ئىككىدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك قاپچۇقنى تەييارلاپ قۇيۇش ، جىنسى ئالاقە قىلغاندا بىخەتەرلىك قاپچۇغى يېرىلىپ كەتسە دەرھال يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش .
2) قاپنى ئېھتىيات بىلەن ئېچىپ ، بىخەتەرلىك قاپچۇغىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش .
3) بىر بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى بىر قېتىم ئىشلىتىش تەكرار ئىشلەتمەسلىك ، بىخەتەر قاپچۇغىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش . مەسىلەن ؛ تازلىق قەغىزىگە ئوراپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش .
بىخەتەر قاپچۇق 避孕套