بىر بىمار دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە، تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرلىرى تارىيىپ قالغانلىقى بايقالغان، بۇرمىسىمان CT نەتىجىسىدە بىرئاز ئېغىر توسۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان، لېكىن ھەرىكەت تەجرىبىسىدە قان يېتىشمەسلىك كۆلىمىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن، شۇڭا دوختۇر تىرەك قويماسلىق تەكلىپىنى بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، تىرەك قويۇش زۆرۈرمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلىدە ئاساسلىقى تارىيىش دەرىجىسى مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، قوزغىلىش يېشىمۇ بارغانسېرى كىچىكلىدى. ئېغىر دەرىجىدىكى تاجسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرى تارىيىشقا نىسبەتەن، تىرەك قويۇش ئارقىلىق قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، خۇددى توسۇلۇپ قالغان دەريا يولىنى ئېچىپ، سۇ ئېقىنىنى ئىلگىرىكىدەك راۋانلاشتۇرغانغا ئوخشاش. ئەمما، قان تومۇرلار قانچىلىك دەرىجىدە توسۇلۇپ قالغاندا تىرەك قويۇشقا توغرا كېلىدۇ؟
نۆۋەتتە، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: دورا بىلەن داۋالاش، تىرەك قويۇش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىگە كۆۋرۈك سېلىش. ئەگەر جىددىي خاراكتېرلىك تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بولسا، مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولسا، توسۇلۇپ قالغان تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنى بالدۇرراق ئېچىپ، تىرەك قويۇش ئالدىنقى تاللاش ھېسابلىنىدۇ؛ ئەگەر مۇقىم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولسا، باھالاش ئۆلچىمى مۇرەككەپرەك بولىدۇ. ئادەتتە دوختۇرلار تىرەك قويۇش-قويماسلىقنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئۇنىۋېرسال ئويلىشىدۇ:
بىرىنچى، تاجسىمان ئارتېرىيەنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئالغاندا، بىمارنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيەسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئېغىر بولسا، يەنى دىئامېتىرى 2.5 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغان تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرنىڭ تارىيىش دەرىجىسى %90 تىن ئېشىپ كەتسە، قىلچە ئىككىلەنمەي تىرەك قويسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ تارىيىش نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولسا، بىماردا ئالاھىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، ئادەتتە تىرەك قويۇش ھاجەتسىز، لېكىن تارىيىش ئۆزگىرىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ تارىيىش دەرىجىسى %70 ئەتراپىدا بولسا، بىمارنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. قان تومۇرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەگەر بىماردا يۈرەك سانجىقى ئالامەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولسا، ئېلېكتروكاردىئوگرامما، ھەرىكەت يۈكى تەجرىبىسى ئىشلىگەندە ياكى تاجىسىمان ئارتېرىيەنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئالغاندا، ئۆتكۈزگۈچ نەيچە ئىچىدىكى بېسىم ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە ئۆلچەش قاتارلىقلاردا يۈرەك مۇسكۇلىغا روشەن قان يېتىشمەسلىك كۆرسىتىلگەن بولسا، تىرەك قويۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى، قان تومۇر توسۇلۇش ئۈچ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى (ئالدى تۆۋەنلىگۈچى شاخچە، ئايلانما شاخچە ۋە ئوڭ تاج) نىڭ يېقىن ئوتتۇرا بۆلىكىدە يۈز بەرگەن بولسا، كېيىنكى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولىدىغان بولغاچقا، تىرەك قويۇشنى ئويلىشىش كېرەك.
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى