يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە زۇكام

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى يۈرەك مۇسكۇلىدىكى يامرىما ئۆتكۈر، سۇس ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بوۋاق، بالىلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق، قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولىدۇ. ئەھۋالى يېنىكلەردە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئەھۋالى ئېغىرلاردا ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچە: يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى
ئىنگىلىزچە: myocarditis
خەنزۇچە: 心肌炎
تۈركچە: Miyokardit, kalp kası itihabı

زۇكام دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، كۆپ خىل ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدا يۈز بېرىدۇ. كۆپىنچە زۇكام بىمارلىرى بىر قانچە كۈن ياكى ئۇزاق بولغاندا ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىمايدۇ.
يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى يېڭىلا باشلانغان ۋاقىتتا ئالامەتلىرى ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. مەسىلەن: قىزىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش، كېكىردەك ئاغرىش، يۆتىلىش دېگەندەك. تەخمىنەن بىر ياكى ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، يۈرەك يوغىناپ كەتكەن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئېلېكتىرو كاردىيوگراممىدا تەكشۈرۈلگەندە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇلى زىيانغا ئۇچرىغانلىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؛ قان تەكشۈرگەندە قان چۆكمىسى يۇقىرىلاش، تىرانسئامىنازانىڭ ئاكتىپلىقى يۇقىرىلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

نۆۋەتتىكى تېخنىكا شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا ديئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى كېسەل تارىخى، كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر، بەدەن ئەھۋالى، يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما، رېنتىگېندە تەكشۈرۈش ۋە ئىنزىمولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا تايىنىلماقتا.

ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سىقىلىش دېگەندەك يۈرەك مۇسكۇلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، دائىم روشەن ھالدىكى پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىش، ئاسان تەرلەش، باش قېيىش، نەپەس تېزلىشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردا يۈرەك رىتىمسىزلىقى، زېھنىي كۈچى زەئىپلىشىش، يۈرەك مەنبەلىك شوك، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زۇكامدىغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى ئاغرىش، مەيدىسى بىئارام بولۇش، نەپەس تېزلىشىش، ھالسىزلىنىش، باش قېيىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەر يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

نۆۋەتتە ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۇسۇل يوق، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.

ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئارام ئىلىشتۇر. ناۋادا ئۆتكۈر قوزغىلىش مەزگىلىدە ياخشى ئارام ئالمىغاندا، تومۇر زىيادە بالدۇر سوقۇش دېگەندەك كېسەل ئاسارەتلىرى قېلىشى، ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردا سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، زۇكامدىغاندىن كېيىن مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سېلىش كۆرۈلسە، نورمال ئەھۋال دەپ قارىماسلىق لازىم.

ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقلىنىش، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمگەك قىلىش بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ۋىتامىنلارنىڭ بولۇپمۇ ۋىتامىنB1بىلەن ۋىتامىن Cنىڭ بەدەنگە يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-07 / 05:57:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ