ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىغەيرىي ھامىلە تۇغۇلۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

غەيرىي ھامىلە تۇغۇلۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھامىلدار ئاياللار ساغلام، ئەزالىرى بېجىرىم پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ئەگەر ھامىلە غەيرىي تۇغۇلۇپ قالسا، ئېغىر بولغاندا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھايات قالمايدۇ مەسىلەن، مېڭىسىز بوۋاق، ئومۇرتقا يېرىلىش قاتارلىقلار يېنىكرەك بولغاندا توشقان كالپۇك قاتارلىقلارن

قايسى خىل ئەھۋالدا غەيرىي ھامىلە پەيدا بولىدۇ؟

1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يۇقىرى قىزىتما بولغان ئاياللار
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يۇقىرى قىزىتما بولغان ئاياللارنىڭ بالىسىدا سىرتقى كۆرۈنەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك غەيرىيلىك كۆرۈلسىمۇ، مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى يامان تەسىرگە ئۇچراپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، ئۆگىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇخىل ئىقتىدارى تۆۋەنلىك يۇقىرى قىزىتمىنىڭ ھامىلىنىڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارى تۆەنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرى قىزىتمىنىڭ ھامىلىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىشى ھامىلىدار ئايالنىڭ يۇقىرى قىزىتمىغا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە باشقا ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

2. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىت ۋە مۈشۈكلەرگە يېقىنلىشىشى
باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى مۈشۈكنىڭ ھامىلىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىش خەۋپى ناھايىتى زور بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. مۈشۈكنىڭ گەندىسى يامان سۈپەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان مۇھىم ۋاستە. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مۈشۈك بىلەن يېقىنلىشىششى سەۋەبىدىن بوۋاقلارغا كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋىتى كېسەل بولغۇچى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەخمىنەن %40 ىنى ئىگىلىگەن، ھەريىلى تەخمىنەن 500 نەپەر بوۋاق مۈشۈكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

3. ھەركۈنى قېنىق پەرداز بىلەن يۈرىدىغان ئاياللار
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى قېنىق پەرداز بىلەن يۈرىدىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ غەيرىي ھامىلە تۇغۇش نىسبىتى پەرداز قىلمايدىغان ئاياللاردىن 1.25 ھەسسە يۇقىرى بولغان. ھامىلىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىدىغان ناچار ئامىللارنىڭ ئاساسلىقى پەرداز بۇيۇمى تەركىبىدە ئارسېن، قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار ھامىلدار ئايالنىڭ تېرە ۋە شىللىق پەردىلىرى ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، قان ئارقىلىق ھامىلىنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىپ ھامىلىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پەرداز بويۇملىرى تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار كۈن نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا يولۇققاندىن كېيىن، غەيرىيلىك پەيدا قىلىدىغان ئارۇماتىك ئامىنلار (خۇش پۇراقلىق ئامىنلار)نىڭ بىرىكمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

4. ھامىلىدارلىق دەۋرىدە روھىي جىددىيلىككە ئۇچرىغان ئاياللار.
ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بيىلەن ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ بىر بولغان بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق گورمونىنىڭ ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى جىددىيلەشكەندە، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق گورمونى ھامىلىنىڭ بەزى توقۇلمىلىرىنىڭ بىرىكىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا كەيپىياتى جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتسە، ھامىلىدە توشقان كالپۇك ياكى تاڭلاي يېرىقى قاتارلىق غەيرىيلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. ھاراق ئىچىدىغان ئاياللار
ھامىلىادر ئاياللار ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرت بالا ھەمرىيى ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ھامىلىگە تەسىر قىلىپ، ھامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ھامىلىدار ئايال ھەر كۈنى ئىككى رومكىدىن تۆت رومكىغىچە ھاراق ئىچسە، ھامىلىنىڭ مېڭىسى، قۇلاق، بۇرۇنلىرى بەك كىچىك بولۇش، يۇقىرىقى كالپۇكى چوڭ ھەم قېلىن بولۇشتەك غەيرىيلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مىكومىتىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ھامىلىدار ئاياللار
مىكرومىتىن (زەمبۇرۇغ زەھىرى) بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى (كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر) نى ئىستېمال قىلغاندا، زەمبۇرۇغ زەھىرى بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلىگە تەسىر قىلىپ، ھامىلە تېنىدىكى ھۈجەيرە بويالغۇچى تەنچىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 11:21:29

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ