قىزىل ( Measles ) قىزىل ۋىرۇسى ( Measles Virus ،MV ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدە يۇقۇمچانلىققا ئىگە. گەرچە دۇنيا مىقياسىدا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى سەۋەبىدىن بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا يەنىلا قىسمەن تارقىلىش خەۋپى مەۋجۇت. مەزكۇر مەزمۇندا قىزىل كېسىلى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : قىزىل كېسىلى
ئىنگىلىزچە / English : Measles
تۈركچە / Türkçe : Kızamık
خەنزۇچە / 汉语 : 麻疹
1. ئېتىئولوگىيە ۋە ۋىرۇس ئالاھىدىلىكى
قىزىل ۋىرۇسى قوشۇمچە يېپىشقاق ۋىرۇس ئائىلىسى ( Paramyxoviridae ) قىزىل ۋىرۇسى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، يەككە قاتلىق مەنپىي زەنجىرلىك RNA ۋىرۇسى ھېسابلىنىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تۈزۈلۈشى يادرو قېپى، ئورىغۇچى پەردە ۋە ئىككى خىل سىرتقى يۈز ئاقسىلى ( H ئاقسىلى ۋە L ئاقسىلى ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، قىزدۇرۇش، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى تېز سۈرئەتتە يوقايدۇ، لېكىن ھىم ئېتىلگەن مۇھىتتا ئائېروزول ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدۇ.
2. قىزىل كېسىلى تارقىلىشچانلىقى
يۇقۇش مەنبەسى: جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدىكى بىمارلار بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، كېسەل بولۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئەسۋە چىقىپ بەش كۈنگىچە يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
تارقىلىش يولى: ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ( مەسىلەن، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش )، بۇلغىمىلار ياكى ئائېروزول بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ.
ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى: ۋاكسىنا ئەملىمىگەن ياكى ئىممۇنىتېتتا مەغلۇپ بولغانلار، بولۇپمۇ بوۋاقلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر توپى.
پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى: ۋاكسىنا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان رايونلار ( مەسىلەن، ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ) دا يەنىلا زور ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى مەۋجۇت، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تاسادىپىي يۇقتۇرما كېسەللىك مىسالى يۈز بېرىدۇ.
3. كېسەل قوزغىلىش مېخانىزمى ۋە كېسەللىك ئالاھىدىلىكى
قىزىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئالدى بىلەن نەپەس يولى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ۋە قىسمەن لىمفا تۈگۈنلىرىدە كۆپىيىدۇ، ئارقىدىن ۋىرۇسلۇق قان كېسىلى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى يەككە يادرولۇق – زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە سىستېمىسى ( مەسىلەن، تال، جىگەر، ئۆپكە قاتارلىقلار ) غا كېڭىيىدۇ. ۋىرۇس ھۈجەيرىلەرنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە ئىممۇنىتېتنى تورمۇزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككىلەمچى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سۇس ئۆتكۈر قېتىش خاراكتېرلىك پۈتۈن مېڭە ياللۇغى ( SSPE ) قىزىلنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4. كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
تىپىك كېسەللىك جەريانى:
يوشۇرۇن مەزگىلى: 7-14 كۈن ( ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 كۈن ). بۇ مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ دەۋىردە ۋىرۇس يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە كۆپىيىش دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.
دەسلەپكى كېسەللىك دەۋرى ( 2 – 4 كۈن داۋاملىشىدۇ ): يۇقىرى قىزىتما ( 39 – 40 سېلسىيە گىرادۇس )، يۆتەل، ماڭقا ئېقىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، كوپلىك دېغى ( Koplik spots، شىللىق پەردىدىكى ئاق رەڭلىك كىچىك چېكىتلەر ).
ئەسۋە چىقىش مەزگىلى: قىزىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تېرىدە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، قۇلاقنىڭ كەينى، چاچ چىزگىسىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا يۈز قىسمى، گەۋدە ۋە پۇت – قوللارغا يامراپ، داغلىق دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. بۇ چىققان ئەسۋىلەر بىرلىشىپ تۇتاش بولۇپ، 3 – 5 كۈن داۋاملىشىدۇ.
ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى: ئەسۋە يانغاندىن كېيىن قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ، كېپەك ۋە كېپەكتەك كېپەكلىشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئىپادىلىرى: چوڭلار ياكى ئىممۇنىتېتى تورمۇزلانغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولماسلىقى مۇمكىن، مەسىلەن، ئەسۋە ئاز بولۇش ياكى ئەسۋە بولماسلىق تىپلىق قىزىل.
5. ئەگەشمە كېسەللىكلەر
دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر: ئۆپكە ياللۇغى ( بىرلەمچى ياكى ئىككىلەمچى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش )، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، كېكىردەك ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى.
ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر: سۇس ئۆتكۈر قېتىش مەنبەلىك پۈتۈن مېڭە ياللۇغى ( subacute sclerosing panencephalitis 亚急性硬化性全脑炎 SSPE ،كېسەل بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن مىليوندىن بىر )، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندە بىمارنىڭ بەدىنىگە ئۆمۈرلۈك زەخىم يەتكۈزىدۇ.
6. تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى
قان زەردابىنى تەكشۈرۈش: IgM ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ELISA تېخنىكىسى دەسلەپكى دىئاگنوز ئالتۇن ئۆلچىمى قىلىنىدۇ؛ IgG ئانتىتېلاسى ئەسلەش خاراكتېرلىك دىئاگنوز قويۇش ياكى بەدەننىڭ بۇ كېسەللىككە بولغان ئىممۇنىتېت ئەھۋالىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىرۇسنى ئايرىش ۋە PCR: يۇتقۇنچاقتىن ئۆرنەك ئېلىش، سۈيدۈك ياكى قان ئەۋرىشكىسىدىن ۋىرۇس RNA ياكى ئايرىش ۋىرۇسى تەكشۈرۈلىدۇ.
پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش: سوغان، سكارلاتىنا، كاۋاساكى كېسىلى قاتارلىق ئەسۋە چىقىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
7. داۋالاش پىرىنسىپى
مەزكۇر كېسەللىك ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئادەتتە ئانتىبىيوتىك بېرىلمەيدۇ، بەلكى قوللاش خاراكتېرلىك داۋالاش، ئايرىپ كۈتۈش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ۋاكسىنا ئەملەش … قاتارلىق داۋالاش پرىنسىپلىرى قوللىنىدۇ.
ئادەتتىكى داۋالاش: بىمارنى باشقا كىشىلەردىن ئايرىپ داۋالاش ، بىمارغا A ۋىتامىن تولۇقلاش ( WHO تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارى:بالىلار 200 مىڭ IU، چوڭلار 400 مىڭ IU ) ،كېسەلگە قاراپ قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىش.
ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش: باكتېرىيىلىك ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلگەندە ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىش كېرەك؛ مېڭە ياللۇغى بىمارلىرى باش بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئېغىر كېسەللىكلەردە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ( مەسىلەن، رىباۋىرىن ) كېرەك.
ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلى: كېسەللىك بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئوكۇل قىلىنسا قىسقا مۇددەتلىك پاسسىپ ئىممۇنىتېت بىلەن تەمىنلەيدۇ، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى ( مەسىلەن، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى بارلار ) غا ماس كېلىدۇ.
8. ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى
ۋاكسىنا ئەملەش:
MMR ۋاكسىنىسى: تەركىبىدە قىزىل ،گۈرەن بەز ياللۇغى ،سوغان تەركىبى بار بولۇپ ، دۇنيانىڭ كۆپىنچە رايونلىرىدا 8 ئايلىق بولغاندا ئەملەش، 18 – 24 ئايلىق بولغاندا كۈچەيتىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
جىددىي ۋاكسىنا ئەملەش: يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئۇچراشقانلارغا جىددىي ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.
ئاممىۋى تازىلىق تەدبىرلىرى: كۆزىتىشنى كۈچەيتىش، بىمارلارنى ئايرىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ۋاكسىنىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ( نىشان %95 تىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ ).
9. خىرىس ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش
ۋاكسىنا ئىككىلىنىپ قېلىش ۋە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش:قىسمەن دۆلەتلەردە پىتنە – ئىغۋا ياكى خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، كېسەللىكنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى: قىزىل ۋىرۇسى گېن تىپىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
يوقىتىش نىشانى: WHO قىزىلنى ئالدىن كونترول قىلىنىدىغان كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بىر كېسەللىك.
خۇلاسە
قىزىل بىر خىل ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەش ۋە رايون خاراكتېرلىك كۈزىتىش كونترول قىلىشقا تايىنىدۇ. كىلىنىكا دوختۇرلىرى ئۇنىڭ تىپىك ۋە تىپىك بولمىغان ئىپادىسىنى پىششىق بىلىشى، دەسلەپكى مەزگىلدە پەرقلەندۈرۈشى ۋە ئۆلچەملىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.