قىزىلئۆڭگەچتىكى يامان سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەردە بىنورمال ئۆسۈش ياكى راكقا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يۇتۇش قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە: قىزىلئۆڭگەچتىكى يامان سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى
ئىنگىلىزچە: Esophageal malignant lesions
خەنزۇچە: 食管恶性病变
تۈركچە:Özofagus malign lezyonları
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قىزىلئۆڭگەچتىكى يامان سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
1. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
2. يېمەك ئىچمەك ئادىتى يۇقىرى مايلىق، تۆۋەن تالالىق يېمەك – ئىچمەك ئادىتىمۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
3. ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كېسىلى ( GERD ):ئۇزۇن مەزگىل Uڭق1غا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
4. باشقا ئامىللار مەسىلەن، ئىرسىيەت ئامىلى، خىزمەت مۇھىتى قاتارلىقلارمۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش ئېغىز بوشلۇقى ياكى بۇرۇن بوشلۇقىغا بىر تال يۇمشاق نەيچە كىرگۈزۈپ، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ ئورنى، چوڭ – كىچىكلىكى ۋە شەكلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بېكىتكىلى بولىدۇ.
2.X رېنتگېندە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:كۆكرەك قىسمىنى X رېنتگېندە تەكشۈرۈش ،بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ رېنتگېنگە چۈشۈرۈش قاتارلىقلار دوختۇرلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچتىكى بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
3.CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ۋە MRI تەكشۈرۈشى:بۇ سۈرەتلىك تەكشۈرۈشلەر تېخىمۇ تەپسىلىي سۈرەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، دوختۇرلارنىڭ ئۆسمىنىڭ دائىرىسى ۋە يۆتكەلگەن – يۆتكەلمىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى ئۆسمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئورنى ۋە مۇددەتكە بۆلۈنۈشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش، رادىئاتسىيىلىك داۋالاش، خىمىيەلىك داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزىلئۆڭگەچ راكىنى بالدۇر بايقاش ۋە داۋالاش ئارقىلىق ساقىيىش نىسبىتى ۋە ياشاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.