ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپىنچە ئادەملەرگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن. قوساقنىڭ ئاشقازان قىسمى ئاغرىش، كۆپكەندەك بولۇۋېلىش، كېكىرىش، تاماق ئاسان سىڭمەسلىك، ئاچچىق سۇ يېنىش… قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇم بۇ ئالامەتلەر ئاشقازان قىزىلئڭگەچ يېنىش كېسىلىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ كېسەللىكتە ئاشقازان قىسىمدىكى ئاغرىشنى بەكرەك ئاساس قىلىدۇ.
بەزىدە ئاشقازان ياللۇغى بەزىدە جىددىي قوزغىلىپ قالغاندا ئېغىرراق بولغاندا بەدەن قىززىش، ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش، بەزىدە ئېغىزدىن قان كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.