قىزلاردىكى ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر (ئالامەتلەر) دىگەن نىمە؟
يېڭىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا قاراپ ئۇنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقنىڭ بەلگىسى. شۇڭا بۇ بىرلەمچى جىنسىي بەلگە دىيىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتكەندە، ئوغۇل – قىزنىڭ بەدىنىدە جىنسىي پەرق روشەن بولىدۇ. بۇنداق پەرق بالاغەت مەزگىلىدىن باشلاپ بارا-بارا شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگە دىيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى:
قىزلارنىڭ تېرىسى سىلىقلىشىپ، داس سۆڭىكى يوغىنايدۇ، كۆكسى كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋازى ئىنچىكىلەيدۇ.
قىزلاردا ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ئوخشاش بولامدۇ؟
ئىككىلەمچى جىسىي بەلگىلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپىدە يەككە پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇ مۇئەييەن قانۇنىيەت ئاساسىدا بولىدۇ. قىزلاردىكى يېتىلىش كۆپىنچە ئالدى بىلەن بويىنىڭ ئۆسۈشىدە كۆرۈلىدۇ، ئاندىن كۆكسى (ئەمچەك) يېتىلىدۇ، تەخمىنەن بىر ئىككى يىلدىن كېيىن جىنسىي ئەزاسىدا تۈك پەيدا بولىدۇ. يەنە بىر ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قولتۇقىدا تۈك چىقىپ تۇنجى ھەيىز (ئادەت) كۆرىدۇ.
ئەمما ئاز ساندىكى قىزلاردا بويى ناھايىتى تېز ئۆسۈش بىلەن بىرگە، ئاۋۋال جىنسىي ئەزاسىدا تۈك پەيدا بولۇپ، ئاندىن كېيىن ئەمچىكى يېتىلىدۇ ياكى تۇنجى قېتىملىق ھەيىزدىن كېيىن جىنسىي ئەزاسىدا تۈك پەيدا بولىدۇ. بۇ ھالەتلەرنى يەككە پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا بەك ئەنسىرەپ كېتىش ھاجەتسىز.
ئاياللار ساغلاملىقى ۋە جىنسىيەت كىتابىدىن ئۈزۈندە
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر