توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلام ياشاش ئۈچۈن ئۈچەيدە زەھەر يىغىلىپ قالماسلىقى كېرەك. كونىلاردا: «ئەگەر بەدىنىم تېخىمۇ ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، قورسىقىڭىز كۆپۈپ كەتمىسۇن، ئازراق يەڭ، ئازراق ئاچلىق ھېس قىلىپ تۇرسىڭىز، ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭچە بۇنىڭ يېرىمى توغرا، يېرىمى خاتا، «قورسىقى دائىم بوش بولۇش» قورساقنىڭ ئاچ قالغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، قورساق ئاچ ھالەتتە تۇرسىمۇ، بەك تويۇپ كەتسىمۇ ياخشى ئەمەس.
ئۇنداقتا بۇ گەپنىڭ توغرا يېرى قەيەردە؟
ھازىرقى تۇرمۇشىمىز 20-30 يىل ئىلگىرىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز، ماددىي شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېمەكلىكىمىز يېتەرلىك، قورساق تويغۇزالمايدىغان ئىش يوق. ھازىرقى خىزمەت خاراكتېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرى جىسمانىي ئەمگەك كۆپ، ئەقلىي ئەمگەك ئاز ئىدى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. دائىم چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، قورسىقى تويۇپ ئۆتۈپ كەتكۈچە يەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كەچتە بىر ۋاخ كېچىلىك تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، لېكىن جىسمانىي كۈچى ئاز خورايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بەدەندە تېخىمۇ كۆپ ياغ پەيدا بولىدۇ، ئىچكى ئەزالار ۋە قان تومۇر دىۋارىدا قېلىن بىر قەۋەت ماي بولىدۇ، بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى چاپلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل يۈزلىنىش يىلدىن-يىلغا ئېغىرلىشىپ، ئاستا-ئاستا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
نەرسە يېگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تۇرمۇشتا تەلەپچان بولۇش كېرەك، تاماقنى يەتتە ئۈلۈش تويۇپ يېيىش، بەك تويۇپ كەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان-ئۈچەيگە بېسىم پەيدا قىلىشتىن، ئاشقازان-ئۈچەي ھالىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى، قەنت مىقدارىنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
بىزنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىمىز نورمال ئەھۋالدا، ئاشقازاننى بوشىتىشقا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن چۈشلۈك تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئاچلىق ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4~5 لەردە ئاچلىق ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن، ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە ئازراقمۇ ئاچلىق ھېس قىلمىساق، بىرىنچىدىن، ھەرىكەت مىقدارى بەك ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئىككىنچىدىن، تاماقنى بەك كۆپ يەۋالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ تاماق مىقدارىنى تەڭشەپ، ئىلمىي غىزالىنىش كېرەك، ھەمىشە ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچمەسلىك كېرەك، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىمۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ شۇڭا ئۇلارنى زىيادە چارچىتىۋەتمەسلىك كېرەك.
يىغىپ ئېيتقاندا، بىز يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىمىزنى ئىمكانقەدەر كونترول قىلىپ، قورساقنى بەك ئاچمۇ قويماي، بەك تويدۇرۇپمۇۋەتمەي ئەڭ راھەت ھالەتتە تۇرۇشىمىز كېرەك؛ تاماقنى يەتتە ئۈلۈش تويغىچە يېيىش، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچمەسلىك كېرەك؛ ئاشقازان-ئۈچەيگە ئۇزاق مۇددەت زىيادە ھەزىم قىلىش يۈكى بېرىش سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق، بولۇپمۇ ئاشقازان-ئۈچەيدە ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن مۇھىم بولغان «مىكرو ئورگانىزم باكتېرىيە توپى» بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىدە بايقىلىشىچە، بۇ باكتېرىيە توپى بىزنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدىنىمىزنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا سېمىزلىك-ئورۇقلىق، قارشىلىق كۈچى قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7825538.shtml