ئۆت: ئۆت: ئىنگىلىزچە: gulbladder, تۈركچە safrakesesi خەنزۇچە: 胆囊 دەپ ئاتايدۇ.
ئۆت جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان يىشىل كۆكۈش رەڭلىك خالتا شەكىللىك بىر ئورگان. رەسىمدىمۇ كۆرۈۋالايسىلەر. قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنىڭ ئۆتى تولۇق تولغاندا، ئۇزۇنلۇقى 7-10 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 4 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىللىلىتىر ئۆت سۇيۇقلۇقى ساقلىيالايدۇ.
ئۆت ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق رولى
ئۆت ئاساسلىقى جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلايدىغان يەر. جىگەر كۈندە 1200-800 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ 500 مىللىلىتىرى ئۆت خالتىسىغا بارىدۇ. بۇ يەردە قايتا قايتا سۈمۈرۈلۈپ ساپلاشتۇرىلىدۇ.
ئۆتنىڭ ئۆزى بىرەر ماددا ئىشلەپ چىقىرىپ كەتمەيدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز مىقتاردا سۇيۇقلۇق ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۆت يولىنى نەملەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىز ئادەتتە قۇسقان ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئۆتنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارمىغان. بەلكى جىگەر ئىشلەپ چىقارغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قايتا سۈمۈرۈپ ساپلاشتۇرۇش روللىرىغا ئىگە دىدۇق. نورمالدا جىگەردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقى سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئىچىدىكى ناترىي، سۇ قاتارلىقلارنى قايتا سۈمۈرۋالغاندىن كېيىن، ئۆت سۇيۇقلۇقى يېشىل رەڭگە كىرىدۇ.
تاماق ئېغىزغا كىرگەندىن 5-10 مىنۇتتىن كېيىن، ئۆت خالتىسى ئىگەم تاماق يىدى دىگەن ئۇچۇر ئالغاندىن كېيىن، رىتىملىق كېيىڭىپ قىسقىراپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ يەردىن بەزىلىرى ئاشقازانغا بارىدۇ. شۇ يەردە يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئۆت سۇيۇقلۇقىدا نىمىلەر بار؟
ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە، ئۆت تۇزلىرى، سۇ، ئۆت پىگمىنتى، خولىستېرول، كالىي، ناترىي، كالتسىي، لېتىستىن قاتارلىق ماددىلار بار. بۇلار ئۆت خالتىسىغا كەلگەندە، قايتا سۈمۈرۈلۈش جەريانىدا سۇ، بەزى ئۆت سۇلىرى، ناترىي، كالىيلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ قانغا قايتا كىتىدۇ.
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، ئۆت ياللۇغى بىز ناھايىتى كۆپ ئاڭلايدىغان كېسەللىكلەر.
ئۆت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.