ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقسامساق ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

سامساق ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

پىياز، زەنجىۋىل، سامساق بىز ئادەتتە تاماق ئەتكەندە ئىشلىتىدىغان تەم تەڭشىگۈچ، ئەگەر قورۇما قورۇغاندا زەنجىۋىل، سامساقنى قورۇمىغاندا بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئۇ بىر خىل ئادەمنى ھەم ياخشى كۆرگۈزىدىغان ھەم نەپرەتلەندۈرىدىغان يېمەكلىك، ئۇنى ياخشى كۆرۈشتىكى سەۋەب ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغانلىقىدا؛ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇشتىكى سەۋەب ئۇنىڭ تەمى بەك «ئالاھىدە».

سامساقنىڭ پايدىسى

1. سامساق باكتېرىيە ئۆلتۈرەلەيدۇ.

ئۇ بىر خىل «تەبىئىي ئانتىبىئوتىك» بولۇپ، تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى، كېزىك تاياقچە باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، كۆكيۆتەل تاياقچە باكتېرىيەسى، ۋىرۇس، تامچە قۇرت قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك تىزگىنلەش رولىغا ئىگە، ھەتتا بۇ باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولىدۇ، ئەگەر يۆتىلىپ قالسا سامساقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىشكە بولىدۇ.

 

2. سامساق ئەقىلنى ئاچىدۇ

سامساق بەك ئاچچىق، تەمىمۇ غەلىتە، ئەمەلىيەتتە بۇ سېسىق نەرسە ئەكسىچە ئەقىلنى ئاچىدۇ. دائىم يەپ بەرسە، مېڭىنى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى تېخىمۇ روھلۇق قىلىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن شىماللىقلارنىڭ قىشتا سامساق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

 

3. سامساق ماينى تۆۋەنلىتىدۇ.

سامساق ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتەلەيدۇ، مەسىلەن، قان تومۇر دىۋارىدىكى ياغ ماددىسىغا يىغىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئۇيۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، ياغ مىقدارى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى 2-3 تال چىش سامساق يەپ، ياغ ماددىسى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

4. سامساق ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

سامساق ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئىشتىھايى ياخشى بولمىسا، ئازراق سامساق يېسە بولىدۇ، مەسىلەن، شىمالدا داڭقى چىققان لابا سامسىقىنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش رولى بەك ياخشى.

 

سامساق ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

1. سامساقنى خام يېسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى قىزدۇرۇلغاندىن كېيىنكى سامساق ھورمۇنىنىڭ ئۈنۈمى پارغا ئايلىنىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛

2. سامساقنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، سامساق بەك ئاچچىق بولۇپ، غىدىقلاش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئاچ قورساق يېسە ئاشقازاننى غىدىقلاش بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ؛

3. سامساقنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا سامساق ئىستېمال قىلسا، ئەكسىچە ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە توپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ؛

4.بەزى كىشىلەر سامساق يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، سامساق گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى، ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى خام يېمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى پىشۇرۇپ يېيىشى كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6214151.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:55:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ